بەششار ئەسەدنى ھۆكۈمەتتىن ئېلىپ تاشلاش ھەققىدە ئىران بىلەن رۇسىيە كېلىشتىمۇ؟

ئىران رۇسىيە بىلەن سۈرىيە ھاكىمىيىتى رەھبىرى بەششار ئەسەدنى ھۆكۈمەتتىن ئېلىپ تاشلاشقا كېلىشكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.

1418915
بەششار ئەسەدنى ھۆكۈمەتتىن ئېلىپ تاشلاش ھەققىدە ئىران بىلەن رۇسىيە كېلىشتىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پارلامېنتى باشلىقى ئەلى لارىجانىنىڭ ئالاھىدە ياردەمچىسى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھئىيان تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلەشكەن ئۇچۇرىدا، ئەسەدنى سۈرىيەنىڭ قانۇنلۇق رەھبىرى سۈپىتىدە تەرىپلەپ، «ئىران بىلەن روسىيە ئەسەدنى ھاكىمىيەتتىن  ئىستىپا بېرىشكە زورلاشقا كېلىشتى» دېگەن مىش-مىش پاراڭلارغا قارىتا  «چوڭ يالغان، ئامېرىكا ۋە زىئونىست تاراتقۇلىرىنىڭ ئويۇنى» دېدى.

 

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى سەييىد ئابباس مۇسەۋى ئالدىنقى ھەپتە ئاستانە مۇساپىسىگە ئورتاق دۆلەتلەرنىڭ سۈرىيەنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا قارار ماقۇللىغانلىقىغا دائىر خەۋەرنىڭ ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر