تۈركىيە – ئامېرىكا رىياسەتچىلىك كومىتېتى نىيۇ جېرسېيدىكى سەھىيە خادىملىرىغا ياردەم قىلدى
ئامېرىكادىكى تۈرك جەمئىيەتلىرى ئارىسىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەشكىلاتلاردىن تۈركىيە – ئامېرىكا رىياسەتچىلىك كومىتېتى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان نىيۇ جېرسېي ئىشتاتىدىكى سەھىيە خادىملىرىغا تېببىي لازىمەتلىكلەر ياردەم قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە – ئامېرىكا رىياسەتچىلىك كومىتېتى نىيۇ جېرسېي ئىشتاتىنىڭ مەركىزىي شەھىرى ترېنتوندىكى « Capital Health » دوختۇرخانىسىغا، 500 دانە قوغدىنىش كىيىمى ۋە 4500 ماسكا ئىئانە قىلدى.
تۈركىيە – ئامېرىكا رىياسەتچىلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى ئىسرافىل دەمىر بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئامېرىكالىق تۈركلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مۇشەققەتلىك پەيتلەردە <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان نىيۇ جېرسېي ئىشتاتىدىكى سەھىيە خادىملىرىنى قوللاش مەقسىتىدە، ئۇلارغا تېببىي لازىمەتلىكلەر ياردەم قىلدۇق. جۈملىدىن، <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە ھازىرغىچە مىڭ يېشىك يېمەك - ئىچمەك ياردەم قىلدۇق، مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى نىيۇ جېرسېي ئىشتاتىغا جايلاشقان پەتېرسون رايونىدىكى < Joseph Hastanesine > دوختۇرخانىسىغا 1500 قوغدىنشى كىيىمى، 5 مىڭ ماسكا، 25 – ماي كۈنى بولسا بىروكلىن رايونىدىكى < King County > دوختۇرخانىسىغا مىڭ دان قوغىنىش كىيىمى ۋە 5 مىڭ دانە ماسكا ئىئانە قىلىمىز.»
تۈركىيە – ئامېرىكا رىياسەتچىلىك كومىتېتى مەسئۇللىرى، 12 – ماي كۈنىمۇ سەھىيە خادىملىرى، جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ۋە ساقچىلارنىڭ ئىشتىلىشى ئۈچۈن بروكلىن رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى ئېرىك ئادامسقا، 500 دانە ئوپېراتسىيە كىيىمى ۋە 2500 دانە ماسكا تەقدىم قىلغانىدى.