ترامپ: سودا كېلىشىملىرى ۋىرۇسنىڭ زىيىنىنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايدۇ

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 300 مىڭغا يېقىنلاشتى، يۇقۇملانغانلار سانى 4 مىليون 447 مىڭدىن ئاشتى. سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 1 مىليون 668 مىڭدىن ئاشتى.

1417219
ترامپ: سودا كېلىشىملىرى ۋىرۇسنىڭ زىيىنىنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 85 مىڭ 197 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 430 مىڭ 348 گە چىقتى.

پىرېزىدېنت ترامپ خىتاي بىلەن سودا كېلىشىمى ئىمزالىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «100 سودا كېلىشىمىمۇ بىگۇناھ ئۆلۈملەرنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايدۇ» دېدى.

ئۇ ۋىرۇسنىڭ ياشلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ۋابا داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ ئىشتات ۋالىيلىرىنىڭ مەكتەپلەرنى ئېچىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

كالىفورنىيە ستېيت (State) ئۇنىۋېرستېتى ۋابادا يېڭى دولقۇن كېلىشى ئېھتىمالىغا قارشى نورمال دەرس ئۆتۈشلەرنى 2021-يىلى ياز ئايلىرىغىچە كېچىكتۈردى.

پايتەخت ۋاشىنگتوندا ۋابا سەۋەبىدىن چىقىرىلغان «ئۆيدە ئولتۇر» يوليورۇقى، 2020-يىلى 8-ئىيۇنغىچە ئۇزارتىلدى. 720 مىڭ نوپۇسلۇق بۇ شەھەردە بۈگۈنگىچە 6 مىڭ 584 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى، 350 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان نىيۇ يوركتا ئىقتىسادنى قەدەممۇ قەدەم ئېچىش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇنازىرە قوزغالدى. ئىشخانىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ خىزمىتىگە قايتىشىنىڭ ۋابادىن بۇرۇنقىدەك بولمايدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 195 كىشى ئېشىپ 31 مىڭ 106 گە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى بولسا، 2 مىڭ 809 كىشى ئازىيىپ 78 مىڭ 457 گە تۆۋەنلىدى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 83 كىشى ئېشىپ 27 مىڭ 74 كە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى بولسا، 507 كىشى ئېشىپ 214 مىڭ 169 غا چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 8 مىڭ 903 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ۋە يېقىنقى 24 سائەتتە يۇقۇملانغانلار سانى 307 كىشى ئېشىپ، بۇ سان 54 مىڭ 288 گە چىققان بېلگىيەدە يولغا قويۇلغان ۋابا تەدبىرلىرى داۋاملىق قەدەممۇ قەدەم بوشىتىلماقتا.

بېلگىيەدە 18-مايدا مەكتەپلەر قاتتىق تەدبىرلەر ئاستىدا قايتا ئوقۇ-ئوقۇتۇش يىلىنى باشلايدۇ. باش مىنىستىر سوفى ۋىلمېس (Sophie Wilmes) مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ۋە باشقا بارلىق پائالىيەتلەرنىڭ 2020-يىلى 30-ئىيۇنغىچە چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «يازدىن بۇرۇن نورمال ھاياتقا قايتىش ئېھتىمالى يوق» دېدى.

بىرازىلىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 749 كىشى ئېشىپ 13 مىڭ 240 قا چىقتى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈملەر تۆۋەندىكىچە:

ئەنگلىيە 33 مىڭ 186، ئىسپانىيە 27 مىڭ 321، گېرمانىيە 7 مىڭ 861، گوللاندىيە 5 مىڭ 562، كانادا 5 مىڭ 302، مېكسىكا 4 مىڭ 220، شىۋېتسىيە 3 مىڭ 460، ئېكۋادور 2 مىڭ 334، پېرۇ 2 مىڭ 169، شىۋېيتسارىيە 1 مىڭ 870، ئېرىلاندىيە 1 مىڭ 497، پورتۇگالىيە 1 مىڭ 175، چىلى 346، سىنگاپور 21.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر