سۇدان سەھىيە مىنىستىرىنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى كىرىزىس پەيدا قىلدى

سۇدان ئىگىلىك ھوقۇق كېڭىشى، سەھىيە مىنىستىرى ئەكرەم ئۇتتۇمنىڭ ۋەزىپىدىن تاشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1417136
سۇدان سەھىيە مىنىستىرىنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى كىرىزىس پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان ئىگىلىك ھوقۇق كېڭىشى بايانات ئېلان قىلىپ، كېڭەش باشلىقى گېنېرال ئابدۇلفەتتاھ ئەل بۇرھان، باش مىنىستىر ئابدۇللا ھەمدۇك، بىر قىسىم كېڭەش ۋە ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ، سەھىيە مىنىستىرى ئەكرەم ئۇتتۇمنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاشنى قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش سەۋەبىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلمىدى.

ھۆكۈمەتنىڭ باياناتىدا بولسا، سەھىيە مىنىستىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى توغرىسىدا ھېچقانداق كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغانلىقى، شۇنداقلا بىرەر تەۋسىيە قارارىنىڭمۇ يوقلۇقى ئەسكەرتىلىپ،  ئىگىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ قارارى رەت قىلىندى.

ھۆكۈمەت باياناتچىسى فەيسال مۇھەممەد سالىھ بايانات بېرىپ، كېڭەش، ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قانىتى بولغان ئەركىنلىك ۋە ئۆزگىرىش خىتابنامىسى كۈچلىرى بىرلەشمىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ئىشتىراك قىلغان يىغىندا، سەھىيە مىنىستىرىنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، بىراق ئۆزلىرىنىڭ يىغىننىڭ بۇ مەسىلە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان جاي ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، «مەن مىنىستىرلار كېڭىشى ۋە باش مىنىستىرغا ۋەكالىتەن ئېيتىمەنكى، سەھىيە مىنىستىرىنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى توغرىسىدا ھېچقانداق بىر تەرەپ بىلەن كېلىشىم تۈزۈلمىدى، تەۋسىيە قارارىمۇ چىقىرىلمىدى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئەركىنلىك ۋە ئۆزگىرىش خىتابنامىسى كۈچلىرى بىرلەشمىسىنىڭ باياناتىدىمۇ مىنىستىرنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى توغرىسىدا ھېچقانداق تەلىپىنىڭ يوقلۇقى كۆرسىتىلدى.


خەتكۈچ: #سەھىيە , #سۇدان

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر