ئاقساراي: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن چىققان بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى

ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبراين يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس (Kovid-19) نىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن چىققان بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1416476
ئاقساراي: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن چىققان بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوبراين ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، خىتايغا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىدە مۆھلەت بېرىلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس (Kovid-19) نىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن چىققان بولۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى، مۇتەخەسسىسلەر ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەندىكى جانلىق ھايۋان بازىرىدىن ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. ھەر ئىككى ئەھۋالدىمۇ بۇ خىتايلار ئۈچۈن ياخشى ئىش ئەمەس، دەرۋەقە، خىتايدىكى مال بازارلىرىدا ھايۋانلارغا زۇلۇم قىلىنىدۇ، جۈملىدىن، بۇ يەردىكى ئەھۋال تولىمۇ يىرگىنچلىكتۇر. بۇ يەرلەرگە مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى كۆرسەڭلار، ئەھۋالنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ھەيران قالارلىق ۋە تولىمۇ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرىسىلەر.»

ئۇ، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ تەجرىبىخانىدا ئوتتۇرىغا چىققانلىقىغا دائىر دەۋالار ھەققىدە قوللىرىدا دەلىل – ئىسپاتلارنىڭ بار – يوقلۇقىغا ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: «بۇ ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەندىن تارقالغانلىقىنى بىلىمىز. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، يېقىنقى 20 يىل ئىچىدە خىتايدىن تارقالغان 5 يۇقۇم پۈتكۈل دۇنياغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر