ئامېرىكادا < F 35 > تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى مەسىلىسىدە تۈركىيە ئەندىشىسى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا «تۈركىيەسىز < F 35 > تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى پىروگراممىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس» ئەندىشىسى ئوتتۇرىغا چىقتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مەجلىسىگە كۆزىتىش، ئانالىز ۋە تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جاۋابكارلىق ئىشخانىسى تەرىپىدىن < F 35 > تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى پىروگراممىسى ھەققىدە تەييارلانغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە بۇ پىروگراممىدىن چىقىرىۋېتىلگەن تەقدىردە، بۇ، پىروگراممىنىڭ ئاقساپ قالغان ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش باسقۇچىغا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىكەن. «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن < F 35 > تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى سىناق قىلىش ۋە پارچىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاقساپ قېلىۋاتقانلىقى، ئايروپىلانلارنى تولۇق ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنىڭ 2021 – يىلى مارت ئېيىغا كېچىكىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان دوكلاتتا، «تۈركىيە پىروگراممىدىن چىقىرىۋېتىلگەن تەقدىردە، بۇنداق خىرىسلارنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىدىغانلىقى» غا ئالاقىدار ئانالىز دىققەت قوزغىدى.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيەنىڭ 2019 – يىلى ئىيۇلدا رۇسىيەدىن <400 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋچېلىشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ئەندىشىلەر سەۋەبىدىن، ئەنقەرەنىڭ بۇ پىروگراممىدىن چىقىرىلىشى، ئىشلەپچىقىرىش خىرىسلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋېتىدۇ.»