بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار تولۇقلىما خاراكتېرلىك يېڭى مەلۇماتلار:

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 292 مىڭدىن، يۇقۇملانغانلار سانى 4 مىليون 342 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 602 مىڭدىن ئاشتى.

1416308
بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار تولۇقلىما خاراكتېرلىك يېڭى مەلۇماتلار:

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازا قىلغانلارنىڭ سانى 83 مىڭغا چىقىش بىلەن يۇقۇمنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا ئاقساراي بىناغا كىرگەن بارلىق  مۇخبىرلارنىڭ ھەر كۈنى كوۋىد -19 تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئاقساراي ئالدىنقى كۈنىمۇ باشقۇرۇش ئىشخانىلىرى جايلاشقان غەربىي قانات (West Wing) قا كەلگەن خىزمەتچىلەر ۋە مېھمانلارنىڭ ماسكا تاقىشىنى مەجبۇرىي ھالغا كەلتۈرگەن ئىدى. ئاقساراي باياناتچىسى مىك ئېنانى، مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پېنسنىڭ باياناتچىسىدا ۋىرۇس بايقالغاندىن كېيىن، خۇسۇسىي ماقۇللىغان قارارىغا بىنائەن پرېزىدېنت دونالد ترامپقا يېقىنلاشمىغانلىقىنى ئېيتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكادا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، قاتناشقۇچىلارنىڭ %54 ى دېگۈدەك پرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇسقا قارشى كۈرەشتىكى خىزمەتلىرى يېتەرلىك ئەمەس» دەپ قارايدىكەن.

پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ۋىرۇس توغرىسىدىكى بايانلىرىغا، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ %84 ى ۋە دېموكراتچىلارنىڭ پەقەت %4 ى ئىشىنىدىكەن. دۆلەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئانتونىي فاۋچى يۇقۇمنىڭ ئامېرىكىغا ئېلىپ كەلگەن تەھدىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەگەر تېز نورماللاشتۇرۇلسا، ئۆلۈم ۋە ئازابلارنىڭ كۆپىيىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇ جەرياندا، نيۇ يورك ۋالىيسى ئاندرېۋ كۇمو 100 گە يېقىن كىچىك بالىنىڭ ۋىرۇيسقا چېتىشلىق دەپ پەرەز قىلىنىۋاتقان «كەم ئۇچرايدىغان» بىر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئېيتتى. كۇمو مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بالىلارغا تەسىر قىلىدىغان «ياللۇغلىنىش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى» نىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 3 بالىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يۇقۇمنىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 32 مىڭ 692 گە يەتتى. جېنىدىن ئايرىلغانلاردىن 42 كىشىنىڭ لوندون قاتناش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى، 10 كىشىنىڭ تۆمۈر يول خادىمى، 150 دىن كۆپرەكىنىڭ سەھىيە خادىمى ۋە ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ خادىملىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ئەنگلىيەدىكى ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 3043 كىشى ئېشىپ، 226 مىڭ 463 كە يەتتى. يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشتا يولغا قويۇلغان بىر قىسىم چەكلىمىلەر بۈگۈن قىسمەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا نورماللىشىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى تاشلاندى. ھازىر كىشىلەرنىڭ سىرتتا كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدىغان بولدى.

ئىتالىيەدە كوۋىد -19 دىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئالدىنقى كۈنى 172كىشى كۆپىيىپ، 30 مىڭ 911 گە يەتتى.  يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 1222 كىشى تۆۋەنلەپ،  81 مىڭ 226 كىشىگە چۈشتى.  

فرانسىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 348 كىشى ئېشىپ، 26 مىڭ 991 گە ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 2478 كىشى ئېشىپ، 213 مىڭ 662 گە يەتتى. ئارمىيەدە يۇقۇمالانغانلارنىڭ سانى 1771 گە يەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى بېرازىلىيەدە، كوۋىد -19 دىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 12 مىڭ 461 گە ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 178 مىڭ 214 كە ئۆرلىدى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈملەر تۆۋەندىكىچە:

ئىسپانىيە 26 مىڭ 920، بېلگىيە 8 مىڭ 761، گېرمانىيە 7 مىڭ 738، گوللاندىيە 5 مىڭ 510، كانادا 5 مىڭ 283، مېكسىكا 3 مىڭ 926، شىۋېتسىيە 3 مىڭ 313، پېرۇ 2 مىڭ 57، شىۋېيتسارىيە 1 مىڭ 867، ئېرىلاندىيە 1 مىڭ 488، پورتۇگالىيە 1 مىڭ 163 ۋە چىلى 323.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر