ب د ت دىنىي رەھبەرلەرنى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە ئاكتىپ رول ئويناشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش دىنىي رەھبەرلەرنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى.

1416473
ب د ت دىنىي رەھبەرلەرنى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە ئاكتىپ رول ئويناشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۇتېرېش، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، يەر شارى خاراكتېرلىك «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشنى قوللاۋاتقان دىنىي رەھبەرلەرگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ رەھبەرلەرنىڭ ۋىرۇسقا قارشى كۈرەشتە تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىيالايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

دىنىي رەھبەرلەرنى، ھەرقايسى جەمئىيەتلەرنى زىيانلىق ئۇچۇرلار، زوراۋانلىق، چەت ئەل دۈشمەنلىكى ۋە ئىرقچىلىققا قارشى ئاگاھلاندۇرۇشقا، يۇقۇم مەزگىلىدە ئاياللار ۋە قىز بالىلار دۇچ كېلىۋاتقان ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدىكى زوراۋانلىقنى ئەيىبلەشكە، ئاياللارنىڭ ھەر ساھەدە باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزلىرىنىڭ ئوي – پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ۋە ۋەكىل بولۇشقا تەشۋىق قىلىشقا  چاقىرغان گۇتېرېش، دىنىي رەھبەرلەردىن ئاممىۋى ئالاقىلەردە ئارىلىق قالدۇرۇش مۇساپىسى، تازىلىق، تائەت – ئىبادەت، دىنىي مۇراسىملار ۋە مېيت نامىزى قاتارلىق ئېتىقادىي پائالىيەتلەردە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلىشنى قوللاشلىرىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ يەنە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن مىليونلارچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى، شۇڭا، دىنىي رەھبەرلەرنىڭ مائارىپ مەسىلىلىرىگە چارە تېپىشقا ياردەم بېرىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر