قاتار، دۇنيا مىقياسىدا 100 مىڭ سەھىيە خادىمىغا ھەقسىز ئايروپىلان بېلىتى بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 285 مىڭدىن، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 4 مىليون 227 مىڭدىن، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 1 مىليون 512 مىڭدىن ئاشتى.

1415462
قاتار، دۇنيا مىقياسىدا 100 مىڭ سەھىيە خادىمىغا ھەقسىز ئايروپىلان بېلىتى بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە بېرىلگەن دەم ئېلىش مۇددىتىنىڭ 12 – ماي (بۈگۈن) دا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ رۇسلارنىڭ كىرىملىرى ۋە ئومۇمىي ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن پۇتىن، «نورمال ھالەتكە قايتىش مۇساپىسىدە خەلققە ۋە ئىقتىسادقا ياردەمچى بولىدىغان يېڭى بىر ئىقتىساد پىلانى تەييارلاپ چىقتۇق» دېدى.

قاتار ئاۋىياتسىيە شىركىتى، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە دۇنيا مىقياسىدىكى سەھىيە خادىملىرىغا ھەقسىز 100 مىڭ ئايروپىلان بېلىتى بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. قاتار ئاۋىياتسىيە شىركىتى بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، سەھىيە خادىملىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ئاجرىتىلغان ھەقسىز 100 مىڭ ئايروپىلان بېلىتىنى 12 – ماي (بۈگۈن) دىن تارتىپ 18 – مايغىچە ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئالالايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىسرائىلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 258 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 16507 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر