فىرانسىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مازارلىق قالمىدى

فىرانسىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن مۇسۇلمانلارنى دەپنە قىلىش ئۈچۈن مازارلىق قالمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1415708
فىرانسىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مازارلىق قالمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە مۇسۇلمانلارنىڭ مېيىت ئىشلىرىغا ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان «تاھارا جەمئىيىتى» نىڭ باشلىقى ۋە سىستېرا ئابدۇسسەمەد ئاكراچ، ئادەتتە ئىستەكلىرىگە ئاساسەن مۇسۇلمانلارنىڭ مېيىتلىرىنىڭ چەت ئەلگە يۆتكىلىدىغانلىقىنى، لېكىن ھازىر «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن بۇنىڭ مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «چۈنكى فىرانسىيەدىكى مازارلاردا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئايرىلغان بۆلۈملەردە يەر قالمىدى. شۇڭا، بۇ مەسىلىگە جىددىي چارە تېپىلىشى كېرەك. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، مازارلاردا يەر قالمىغانلىقى ئۈچۈن، يۈزلەرچە مېيىت جەسەت توڭلاتقۇلىرىدا ياكى جەسەت ساقلاش ئورۇنلىرىدا ساقلىتىلماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقىشىدىن كېيىن ئەھۋال تېخىمۇ يامانلىشىپ كەتتى. جۈملىدىن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقىشى سەۋەبىدىن تۈركلەر سىرتىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مېيىتلىرىنى چەت ئەللەرگە يۆتكەش مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ.»

ئىگىلىنىشىچە، فىرانسىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسلىق تەشكىلاتى بولغان «فىرانسىيە ئىسلام كېڭىشى» نىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، دۆلەتتىكى 300 مازاردا، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئايرىلغان بۆلۈمدە تەخمىنەن 100 مازارلىق بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر