دۇنيا مىقياسىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانى 270 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى

دۇنيا مىقياسىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانى 270 مىڭدىن، يۇقۇملانغانلار سانى 3 مىليون 903 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، ساقايغانلار سانى بولسا بىر مىليون 334  مىڭغا يېقىنلاشتى.

1413230
دۇنيا مىقياسىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانى 270 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى
koronavirus1.jpg
koronavirus.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇقۇمنىڭ مەركىزىي بازىسىغا ئايلانغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن قويۇق ئالاقىسى بار ياردەمچىلىرىدىن بىرى يۇقۇملاندى. ئاقساراي باياناتچىسىنىڭ ياردەمچىسى ھوگان گىدلېي، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا مۇنداق دېدى: «پىرېزىدېنت ترامپ ۋە مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مايك پېنسمۇ ئۆزىنى تەكشۈرتتى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ھەر ئىككى رەھبەرنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى. ئىككى رەھبەر ھەر ھەپتە ئۆزىنى تەكشۈرتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»

بۇ ئارىلىقتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملىنىپ داۋالىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش توغرۇلۇق قارار چىقاردى. مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «<ۋۇخەن ۋىرۇسى> كېسەللىكىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەسىرلىرى تېخىچە بىلىنمەيدىغانلىقى  ئۈچۈن، داۋالىنىۋاتقان بىمارلارنىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلىدۇ.»

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىي بازىسىغا ئايلانغان ئەنگلىيەدە، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 649 كىشى ئېشىپ، 30 مىڭ 76 گە، يۇقۇملانغانلار سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ئىچىدە يۇقۇملانغان 6 مىڭ 111 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، 201 مىڭ 101 گە يەتتى.

ئىتالىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 274 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، 29 مىڭ 958 گە يەتتى.

فىرانسىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 178 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، 25 مىڭ 987 گە، يۇقۇملانغانلار سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يۇقۇملانغان 746 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، 209 مىڭ 444 كە يەتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، كولمار شەھىرىدىكى ئالبېرت – سىچۋېتزېر دوختۇرخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۇنجى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ 16 – نويابىردا كۆرۈلگەن بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. باش مىنىستىر ئېدوۋارد فىلىپ، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىنىڭ تەدرىجىي ھالدا 11 – مايدىن باشلاپ يېنىكتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەتنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا يۇقۇمنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىغانلىقىنى، بىراق پايتەخت پارىژدا ئەھۋالنىڭ جىددىيلىكىنى، شۇڭا، يۇقۇم ئەھۋالى ۋە بۇ ھەقتىكى تەدبىرلەر مەسىلىسىگە 2 – ئىيۇن كۈنى تەكرار قاراپ چىقىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

دانىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 514 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 10 مىڭ 83 كە يەتتى. دۆلەتتە نورمال كۈندىلىك ھاياتقا قايتىش باسقۇچىنىڭ 11 – مايدىن ئېتىبارەن باشلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانى جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن بىرازىلىيەدە 9 مىڭ 146 غا، ئېكۋادوردا 1654 كە، پېرۇدا 1627 گە يەتتى.

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سكوت موررىسون، دۆلەتتە«ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىنىڭ ئۈچ باسقۇچلۇق پىلان بويىچە يېنىكلىتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يول خەرىتىلىرىدە، ئىيۇلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئىش ئورۇنلىرىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشى، چوڭ يىغىنلار ۋە ئۆلكىلەر ئارا سەپەرلەرگە رۇخسەت قىلىنىشىنىڭ بارلىقىنى جاكارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر