رۇسىيە لىۋىيەدە جەڭ قىلدۇرۇش ئۈچۈن سۈرىيەلىك ياللانما ئەسكەرلەر بىلەن سودلىشىشنى باشلىدى

سۈرىيەدە ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللاۋاتقان موسكۋا، لىۋىيەدە دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ لىدېرى خەلىفە ھافتەرنى سۈرىيەلىك ياللانما جەڭچىلەر ئارقىلىق كۈچەيتىشنى پىلانلىماقتا.

1412791
رۇسىيە لىۋىيەدە جەڭ قىلدۇرۇش ئۈچۈن سۈرىيەلىك ياللانما ئەسكەرلەر بىلەن سودلىشىشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھەللىي مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيەلىك يۇقىرى دەرىجىلىك بىر قوماندان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى بىر ھەيئەت، 24 – ئاپرېلدىن بۇيان دەرئا ۋىلايىتىدە ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ياللىنىپ جەڭ قىلىۋاتقان قوراللىق ئۇنسۇرلار بىلەن بىر قاتار ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇلار بىلەن لىۋىيەگە بېرىپ ھافتەر سېپىدە ئۇرۇش قىلىشى بەدىلىگە ئايلىق 1000 دوللاردىن پۇل بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا بولدىىغان ئۈچ ئايلىق كېلىشىم ئىمزالاش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ بۇ تەكلىپكە بىر قىسىم ياللانما ئەسكەرلەر قارشى چىققان بولسىمۇ، يەنە بىر تۈركۈملىرى كېلىشىمنى قوبۇل قىلغان.

تەكلىپنى قوبۇل قىلغانلار نۆۋەتتە دەرئادا تېخىمۇ كۆپ ياللانما ئەسكەر توپلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

رۇسىيەدىن مائاش ئالىدىغان بۇ ئۇنسۇرلار، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سۈرىيەدىكى رۇسىيە گازارمىلىرىدا تېز تەربىيەلەشتىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن لىۋىيەگە ئەۋەتىلىدىكەن.

رۇسىيە، ئۆتكەن ئايدا سۈرىيەنىڭ ئىسرائىلىيە چېگراسىدىكى كۇنەيترا ۋىلايىتىدە ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتقان 300 – 400 ئەتراپىدا ياللانما ئەسكەر بىلەن كېلىشىم تۈزگەنىدى.

رۇسلار بىلەن ئايلىق مىڭ دوللار مائاش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلغان  كۇنەيترالىق ياللانما ئەسكەرلەر، پات يېقىندا سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان مەشىقلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ھافتەر سەپلىرىگە قېتىلىدىكەن.

ھافتەر سەپلىرىدە رۇسىيەلىك ياللانما ئەسكەرلەر، سۇداندىن ئېلىپ بېرىلغان «جانجاۋىد» قوراللىقلىرى ۋە چادلىق قوراللىق ئىسيانچىلارغا ئوخشاش نۇرغۇن چەت ئەللىك جەڭچىلەر بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر