ب د ت: «ۋۇخەن ۋىرۇسى» 3 – 6 ئايغىچە نامرات ئەللەردە ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يېتىشى مۇمكىن

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ دۇنيادىكى ئەڭ نامرات دۆلەتلەردە 3 ئايدىن 6 ئايغىچە ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدە كەڭ تارقىلىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1412743
ب د ت: «ۋۇخەن ۋىرۇسى» 3 – 6 ئايغىچە نامرات ئەللەردە ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يېتىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش ئۈچۈن مارت ئېيىدا ئېلان قىلىنغان 2 مىليارد دوللارلىق يەر شارى خاراكتېرلىك ياردەم پىلانىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى مارك لوۋكوك، ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ دۇنيادىكى ئەڭ نامرات دۆلەتلەردە 3 ئايدىن 6 ئايغىچە ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدە كەڭ تارقىلىشىنىڭ تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەڭ ئېغىر ۋەيرانچىلىق ۋە مۇقىملىقسىزنىڭ يەنە مۇشۇ دۆلەتلەردە كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ دۆلەتلەر دەرھال تەدبىر قوللانمىغان تەقدىردە، يوقسۇللۇق ۋە قەھەتچىلىك يۈز بېرىش خەۋپىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى، ھەمدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشتىن ئاجىز دۆلەتلەردە كەڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 6.7 مىليارد دوللارغا ئېھتىياج بارلىقىنى بىلدۈردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياردەم پىروگراممىلىرىغا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش باسقۇچىدا بېنىن، جىبۇتى، لىبېرىيە، موزامبىك، پاكىستان، فىلىپپىن، سېررالېيون، توگو ۋە زىمبابۋې قاتارلىق يەنە 9 يېڭى دۆلەت ئىلاۋە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر