ترامپ: ۋابادىن جېنىدىن ئايرىلىدىغانلار 90-80 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 248 مىڭدىن، يۇقۇملانغانلار سانى 3 مىليون 554 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 150 مىڭدىن ئاشتى.

1410155
ترامپ: ۋابادىن جېنىدىن ئايرىلىدىغانلار 90-80 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 90-80 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ۋاكسېنا تەتقىقات خىزمەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، تەتقىقاتلارنىڭ توختىماي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تەييار بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا ئىچكى خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى (DHS) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋۇخەندە ئوتتۇرىغا چىققان ۋىرۇسنى ۋە يۇقۇملىنىش دەرىجىسىنى تىببىي داۋالاش زاپىسى قىلىش ئۈچۈن قەستەن يوشۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىتالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى يېقىنقى 24 سائەتتە 171 كىشى ئېشىپ 28 مىڭ 884 كە چىقتى. بۈگۈنگىچە جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى بولسا، 210 مىڭ 717 بولدى. تۈنۈگۈن (2020-يىلى 3-ماي) سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 1740 كىشى ئېشىپ 81 مىڭ 654 كە چىقتى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 135 كىشى ئېشىپ 24 مىڭ 895 كە چىقتى. جىددىي قۇتقۇزۇلۇۋاتقان 3 مىڭ 819 كىشىنى قوشقاندا جەمئىي 25 مىڭ 815 كىشى دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا.

ئەنگلىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 315 كىشى ئېشىپ 28 مىڭ 446 گە چىقتى.

كانادادا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 312 كىشى ئېشىپ 3 مىڭ 774 كە چىقتى. يۇقۇملانغانلار 4 مىڭ 664 كىشى ئېشىپ 59 مىڭ 474 كە چىقتى. ئونتارىيو (Ontario)، كۇبېك (Quebec)، مانىتوبا (Manitoba) ۋە ساسكاچۋان (Saskatchewan) ئىشتاتلىرىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى يولغا قويۇلغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن تاقالغان بەزى خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ بۈگۈن (2020-يىلى 4-ماي) دىن باشلاپ ئېچىلىشىغا رۇخسەت قىلىندى.

بىرازىلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 7 مىڭ 25 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 101 مىڭ 147 گە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 20 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 1487 كىشى يۇقۇملانغان ۋە 1276 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ياخشىلانغان يېڭى زېلاندىيەدە، مارت ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم يېقىنقى 24 سائەتتە يۇقۇملىنىش بايقالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر