سىنا يېرىم ئارىلىدا مىسىر ئارمىيەسىنىڭ 15 ئەسكىرى ئۆلدى

مىسىر ئارمىيەسىنىڭ سىنا يېرىم ئارىلىدا ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا 15 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى.

1410234
سىنا يېرىم ئارىلىدا مىسىر ئارمىيەسىنىڭ 15 ئەسكىرى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر ئارمىيەسى باياناتچىسى تامىر رىفائى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئارمىيەنىڭ يېقىنقى بىر قانچە كۈن ئىچىدە سىنا يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسىملىرىدا ئېلىپ بارغان 22 قېتىملىق تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ۋە 16 قېتىملىق ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا 126 قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، غەززە چېگراسىدىكى 8 تونېلنىڭ بۇزۇپ تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

رىفائى، مەزكۇر زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 15 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكى، بەزى ئەسكەرلەرنىڭ يارىلانغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

ئۇ بۇ قېتىملىقى ھەرىكەتلەر جەريانىدا، مىسىر ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلار ئىشلىتىۋاتقان 228 پاناھلىنىش ئورنىغا زەربە بەرگەنلىكىنى، 630 مىنانىڭ چۇۋۇپ تاشلانغانلىقىنى، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 226 ئادەمنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر