شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە چېگراسىدا ئېتىشىش يۈز بەردى

شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە چېگراسىدا، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە قارىتىپ ئوق چىقاردى.

1409686
شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە چېگراسىدا ئېتىشىش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە  باش ئىستابى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 07.41 دە، شىمالىي كورېيە تەرەپتىن جەنۇبىي كورېيە چېگراسىدىكى بىر ھەربىي ساقچى پونكىتىغا بىر قانچە پاي ئوق ئېتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، جەنۇبىي كورېيە ئەسكەرلىرىنىڭمۇ قىسقىغىنە ۋاقىتتىن كېيىن، قارشى تەرەپكە ئىككى پاي ئوق ئېتىش ئارقىلىق شىمالىي كورېيەگە تېگىشلىك جاۋاپ قايتۇرۇلغانلىقى، ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ياكى ۋە يارلىنىش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ھەربىي مەسئۇللار شىمالىي كورېيەنىڭ نېمە سەۋەبتىن جەنۇبىي كورېيەگە ئوق چىقارغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر