ئامېرىكادا جېنىدىن ئايرىلغانلار 61 مىڭدىن ئاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) بىلەن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 228 مىڭ 400 دىن، يۇقۇملانغانلار 3 مىليون 230 مىڭ 400 دىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار 1 مىليون 7 مىڭ 100دىن ئاشتى.

1408269
ئامېرىكادا جېنىدىن ئايرىلغانلار 61 مىڭدىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 61 مىڭدىن ئاشتى.

ماسساچۇستس (Massachussetts) ئىشتاتىدا پېنسىيونىر ئەسكەرلەر تۇرىدىغان ساناتورىيەدە 70 كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، زۆرۈر تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنمىغانلىقى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈش باشلاندى.

پىرېزىدېنت ترامپ ۋابا سەۋەبىدىن توختاتقان ساياھەتلىرىنى كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ قايتىدىن باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ ۋاكسېنا تەتقىقاتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ: «ۋابا يوقالسا، بەلىكم ۋاكسېناغا بولغان ئېھتىياجىمىز قالماسلىقى مۇمكىن. ئەلبەتتە ۋاكسېنا ياسالسا قالتىش ئىش بولغان بولىدۇ» دېدى.

ئۇ بىر مۇخبىرنىڭ، «ئۇنداقتا، ۋاكسېنا بولمىسىمۇ بۇ ۋىرۇس ئۆزلىكىدىن يوقىلىدۇ دەپ ئويلامسىز؟» دېگەن سوئالىغا: «بۇ ۋىرۇس يوقىلىدۇ. كۈننىڭ بىرىدە بىزدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىدۇ، ئوتتۇرىدىن يوقىتىلىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان نىيۇ جېرسېي ئىشتاتىد،ا باغچىلار ۋە گولف توپ مەيدانلىرىنىڭ كېلەر ھەپتە ئاخىرى ئېچىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىتالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەتتە 323 كىشى ئېشىپ 27 مىڭ 682 گە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانىدا، 548 كىشى چۈشۈش كۆرۈلدى ۋە 104 مىڭ 657 گە تۆۋەنلىدى.

ئىتالىيە مۇئاۋىن سەھىيە مىنىستىرى پىيەرفاۋلو سىلەيرى (Pierpaolo Sileri) ۋاباغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئۆلۈم ۋەقەلىرى كۆرۈلگەن ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىدىكى تەكشۈرۈشلەردە، ھەر بىر تۆت ساناتورىيەنىڭ بىرىدە بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىنغان ئېغىر قىلمىشلارنىڭ بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسپانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار يېقىنقى 24 سائەتتە 268 كىشى كۆپىيىپ 24 مىڭ 543 كە چىقتى.

فىرانسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەتتە 427 كىشى ئېشىپ 24 مىڭ 87 گە چىقتى. ۋىرۇس بايقالغان كىشىلەرنىڭ سانى 626 كىشى ئېشىپ 198 مىڭ 215 كە چىقتى.

فىرانسىيە ئىقتىسادى مۇشۇ يىل (2020) نىڭ دەسلەپكى چارىكىدە ۋابانىڭ تەسىرىدە %5.8 تۆۋەنلەپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ئېشىش كۆرۈلدى.

ئەنگلىيەدە دوختۇرخانىلار ۋە ساناتورىيەلەردە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جەمئىي 26 مىڭ 97 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ئېلان قىلىندى. يېقىنقى 24 سائەتتە يۇقۇملانغانلار 4 مىڭ 76 كىشى ئېشىپ 165 مىڭ 221 گە چىقتى.

گېرمانىيەدە يېڭىدىن يەتتە تۈركنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، بۇ دۆلەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغان جەمئىي تۈركلەرنىڭ سانى 130 غا چىقتى.  

كانادادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 3 مىڭ 54 كە، يۇقۇملانغانلار 51 مىڭ 231 گە چىقتى.

ئاۋستىرالىيەنىڭ يېڭى جەنۇبىي گاللېر ۋە تازمانىيە ئىشتاتلىرىدا ئۈچ كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 91 گە چىقتى. ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان 6 مىڭ 746 كىشىدىن 5 مىڭ 685 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ياخشىلاندى.

بىرازىلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 449 غا، يۇقۇملانغانلار سانى 78 مىڭ 162 گە چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر