يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم شەرق ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر تولۇقلىما ئۇچۇرلار...

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) دىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلار سانى 218180 دىن، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 3 مىليون 147600 دىن ھالقىدى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى بولسا، 962 مىڭغا يەتتى.

1407633
يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم شەرق ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر تولۇقلىما ئۇچۇرلار...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراندا قازا قىلغانلار سانى 5957 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 93657 گە يەتتى.

ئەزەربەيجاندا قازا قىلغانلار سانى 22 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 1717؛ قازاقىستان قازا قىلغانلار سانى 25 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 3 مىڭغا؛ ئۆزبېكسىتاندا قازا قىلغانلار سانى 8 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 1939؛ قىرغىزىستاندا قازا قىلغانلار سانى 8 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 708 گە يەتتى.

بېلورۇسىيەدە قازا قىلغانلار سانى 79 غا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 12208 گە؛ مولداۋىيەدە قازا قىلغانلار سانى 104، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 3638 گە؛ سەئۇدى ئەرەبىستاندا قازا قىلغانلار سانى 152 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 20077 گە؛ كۇۋەيتتە قازا قىلغانلار سانى 23 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 3440 قا يەتتى.

قازا قىلغانلار سانى ئىراقتا 90 غا، ئىيۇردانىيەدە 8 گە يەتتى.

يۇقۇملانغۇچىلار سانى 11921 گە يەتكەن قاتاردا، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 1134 كە يەتتى.

ھىندىستاندا قازا قىلغانلار سانى 1008 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 31332 گە؛ جەنۇبىي كورېيەدە قازا قىلغانلار سانى 246 گە يەتتى؛ جەنۇبىي كورېيەدە يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ بىر خانىلىق سانغا چۈشكەنلىكى، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئاممىۋىي پائالىيەتلەرنىڭ كوللېكتىپ ھالەتتە ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

2019 – يىلى دېكابىردا ۋىرۇس ئوتتۇرىغا چىقىپ ھازىرغىچە 4633 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن خىتايدا، يۇقۇم سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن يىللىق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ 22 – مايدا بېيجىڭدا ئېچىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئافرىقادا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى ئالجىرىيەدە 437، مسىىردا 359، جەنۇبىي ئافرىقادا 93، ماراكەشتە 58، تۇنىستا 40، دېموكراتىك كونگو جۇمھۇرىيتىدە 32، سومالىدا 28، سۇداندا 25، مالىدا 24، لىبېرىيەدە 20 گە يەتتى.

ئافرىقانىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچى بولغان نىگېرىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن مەبلەغ سالغۇچىلار 5 مىليارد دوللار زىيان تارتتى.


خەتكۈچ: #دۇنيا , #ۋىرۇس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر