رۇھانى: ئامېرىكا بەسرە قولتۇقىنىڭ ئىرانلىقلارغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك

ئىران پرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئامېرىكانى بەسرە (پارس) قولتۇقىنىڭ ئىرانلىقلارغا تەۋە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

1407589
رۇھانى: ئامېرىكا بەسرە قولتۇقىنىڭ ئىرانلىقلارغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانى پايتەخت تېھراندا چاقىرىلغان ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىكى سۆزى جەريانىدا، بەسرە قولتۇقىدا ئىران بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتىن كېيىن ئۇلغىيىپ كەتكەن ئىككى دۆلەت سوغۇقچىلىقى ھەققىدە توختىلىپ، «پارس قولتۇقى ئىران مىللىتىگە تەۋە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى مەڭگۈ پارس قولتۇقى بولۇپ قالىدۇ. ئامېرىكالىقلار، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ نيۇ- يورك قولتۇقى ياكى ۋاشىنگتون قولتۇقى ئەمەسلىكىنى بىلىشى كېرەك» دېدى.

رۇھانى، «ئامېرىكالىقلار ئىران دۆلىتىنىڭ پارس قولتۇقىنى قوغداشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىدۇ. قوراللىق قىسىملىرىمىز ھەردائىم پارس قولتۇقىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ كەلدى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ» دېدى.

ئۇ، دۆلىتىدە 6 مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغاندىن كېيىن يېقىنقى ھەپتىلەردىن بۇيان تۆۋەنلەشكە يۈزلەنگەن ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) ھەققىدە توختىلىپ، ۋىرۇسنىڭ قاچان يوقىلىدىغانلىقىنى ىبلمەيدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

يۇقۇم دائىرىسىدە يولغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن رۇھانى، «بىز چوقۇم ئۆزىمىزنى خىزمەت، ئىلىم – پەن ۋە ئۇچۇر ئۈچۈن تەييارلىشىمىز ۋە جەمئىيەتكە ئۈمىد باغلىشىمىز كېرەك، چۈنكى دۇنيادىكى ھېچكىم بۇ يۇقۇمنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر