جەنۇبىي كورېيەدە ئوت ئاپىتىدە 25 كىشى قازا قىلدى

جەنۇبىي كورېيەنىڭ گيوڭگى رايونىدا بىر قۇرۇلۇش ئورنىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 25 ئىشچى قازا قىلدى ۋە  كەم دېگەندە 7 ئىشچى يارىلاندى.

1407655
جەنۇبىي كورېيەدە ئوت ئاپىتىدە 25 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە خەۋەر ئاگېنتلىقى «يونھاپ»نىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى مەئسللىرىنى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋىرىدە، ئوت ئاپىتىنىڭ گيوڭگى رايونىغا قاراشلىق ئىچېئون شەھىرىدىكى بىر قۇرۇلۇش ئورنىدا يۈز بەرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

مەسئۇللار ئىشچىلار يەر ئاشتىدىكى چاغدا، ئاسان ئوت ئالىدىغان خىمىيەلىك سۇۋاق ماتېرىيالى ئىشلىتىۋاتقان پەيتتە پارتىلاش يۈز بەرگەن  ۋە ئاندىن ئوت كەتكەن بولىشى مۇمكىنلىكىنى تەخمىن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئوت ئاپىتىدە 25 ئىشچىنىڭ قازا قىلغانلىقى، كەم دېگەندە 7 ئىشچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئوت تېزلا ئەتراپقا تارقالغان بولغاچقا ئىشچىلارنىڭ قاچالمىغان بولىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

باش مىنىستىر چۇڭ سىي كۇن دائىرىلەرگە ئىزدەپ ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى بۇيرۇدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر