غايەت زور بىر مېتېئورىت تېشى يەر شارىغا يېقىن جايدىن ئۆتۈش ئالدىدا تۇرىدۇ

قۇياش سىستېمىسىغا تەۋە غايەت زور بىر مېتېئورىت يەر شارىغا يېقىن جايدىن ئۆتىدۇ.

1407027
غايەت زور بىر مېتېئورىت تېشى يەر شارىغا يېقىن جايدىن ئۆتۈش ئالدىدا تۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Space.com» تور بېكىتىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، «1998 OR2» دەپ ئاتىلىدىغان ۋە كۆلىمى 2.4 كىلومىتىر كېلىدىغان مېتېئورىتنىڭ يەرشارىغا 6 مىليون 300 مىڭ كىلومېتىر يېقىندىن ئۆتۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.

مېتېئورىت تاشنىڭ يەر شارىغا ئەڭ يېقىن بولىدىغان يېرى، ئاي شارىدىن 16 ھەسسە يىراقلىقتا ئىكەنلىكى، شۇڭا مېتېئورىت تاشنىڭ يەر شارىغا سوقۇلۇش خەۋىپى يوقلۇقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئامېرىكانىڭ ھاۋاي ئىشتاتىدىكى ھالېكالا رەسەتخانىسى  ئاسترونوملىرى 1998 - يىلى 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى بايقىغان «1998 OR2» ناملىق مېتېئورىت، ھازىرغىچە بايقالغان ئەڭ يورۇق ۋە ئەڭ چوڭ كىچىك سەييارىلەرنىڭ بىرى دەپ بىلىنىپ كەلمەكتە ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر