ئىسرائىلىيە كۈچلىرى بىر پەلەستىنلىكنى شېھىت قىلدى

ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلغانلىقى سەۋەبلىك بىر پەلەستىنلىكنى شېھىت قىلدى.

1403465
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى بىر پەلەستىنلىكنى شېھىت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شېھىت قىلىنغان پەلەستىنلىك ئاپتوموبىلىنى كونترول نۇقتىسىدىكى بىر ئىسرائىلىيە ساقچىسىنىڭ ئۈستىگە ھەيدىگەن، ئاندىن ئۇنىڭغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلغان، پىچاقلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ساقچى يېنىك يارىلانغان، ئارقىدىنلا، ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ھېلىقى پەلەستىنلىككە ئوق چىقارغان، بۇنىڭ نەتىجىسىدە پەلەستىنلىك شېھىت بولغان.

باياتتا، شېھىت قىلىنغان پەلەستىنلىكنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر