تېررورچىلارنىڭ رەسۇلەيىن رايونىغا سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىلدى

سۈرىيەدىكى تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغان تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك ئەزالىرى بىلەن سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

1403407
تېررورچىلارنىڭ رەسۇلەيىن رايونىغا سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ شانلىئۇرفا ۋىلايىتى جەيلانپىنار ناھىيەسىنىڭ سۈرىيە تەرىپىگە جايلاشقان تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلغان رەسۇلەيىن ناھىيە مەركىزىنىڭ جەنۇبىدىكى تەلتەمىر ئەتراپىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك ئەزالىرىنىڭ، سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى ئەسكەرلىرى تۇرۇۋاتقان ئالدىنقى سەپكە سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنۇشى نەتىجىسىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

شىددەتلىك توقۇنۇشلار نەتىجىسىدە سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى چېكىندۈردى.

فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسمىنى ئىشغال قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك، بىخەتەر رايون ئەتراپىدا تۇرۇپ رەسۇلەيىن ۋە تەلئەبياد رايونلىرىغا پات – پاتلا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تۈركىيە 2019 – يىلى 9 – ئۆكتەبىردە فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى باشلىغان تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە 12 – ئۆكتەبىردە رەسۇلەيىننىڭ ناھىيە مەركىزىنى ي پ گ / پ ك ك تېررورچىلىرىدىن خالىيلاشتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر