مېركېل: يۇقۇمغا قارشى كۈرەشتە ھېچكىم ئۆزىنى بىر مىنۇتمۇ بىخەتەر ھېس قىلماسلىقى كېرەك

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا قارشى تۇرۇشتا داۋاملىق ئېھتىياتچان بولۇش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1402374
مېركېل: يۇقۇمغا قارشى كۈرەشتە ھېچكىم ئۆزىنى بىر مىنۇتمۇ بىخەتەر ھېس قىلماسلىقى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېركېل باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىدە سۆز قىلىپ، يۇقۇمغا قارشى كۈرەشتە ھېچكىمنىڭ ئۆزىنى بىر مىنۇتمۇ بىخەتەر ھېس قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.

«بىز داۋاملىق ئېھتىياتچان ۋە ھوشيار بولۇشىمىز كېرەك» دېگەن مېركېل، تەدبىرلەرنى بوشىتىش ھەققىدىكى دەتالاشلار توغرىسىدا توختىلىپ، «بىز باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ھازىرقى ئەھۋال ئادەمنى ئالدايدۇ، بۈگۈنكى ماگىزىنلارنى ئېچىشىمىزنىڭ نەتىجىسىنى 14 كۈندىن كېيىن كۆرەلەيمىز. ۋەزىيەتنى قىيىنلاشتۇرۇۋاتقان مەسىلە بۇ» دېدى.

يۇقۇملانغۇچىلار سانىدا كۆرۈنەرلىك ئېشىش بايقالغان تەقدىردە، تەدبىرلەرنى قايتىدىن كۈچەيتىشكە توغرا كېلىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغان مېركېل، باشقا دۆلەتلەردىكى ئېغىر ۋەزىيەتنىڭ گېرمانىيەدە يۈز بېرىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مېركېل ھەر قايسى ئۆلكە باشلىقلىرىنى تەدبىرلەرنى بەك بوشىتىۋەتمەسلىككە چاقىرىپ، «بەك تېز ئىلگىرىلەپ كېتىش خاتا بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم بۇ. بىز تەڭپۇڭ ھالەتتە مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بۇ يولنى خەۋپكە ئىتتىرمەسلىكىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىجتىمائىي ئارىلىقنى ساقلاش ۋە ئىككىدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ بىر يەرگە كەلمەسلىكى تۈزۈمىنىڭ داۋاملىق كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن مېركېل، بۇ مەسىلىلەرگە ئىزچىل دىققەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

مېركېل، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە يۇقۇمنىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەگە ياردەم قىلىپ – قىلمايدىغانلىقلىرى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، پىرىنسىپ جەھەتتىن گېرمانىيەنىڭ ئىتتىپاق بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر