نىيۇ يورك شەھەر باشلىقى پىرېزىدېنت ترامپنى ئەيىبلىدى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 165 مىڭدىن، يۇقۇملانغانلار 2 مىليون 407 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار 625 مىڭدىن ئاشتى.

1401474
نىيۇ يورك شەھەر باشلىقى پىرېزىدېنت ترامپنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 40 مىڭ 585 كە، يۇقۇملانغانلار 742 مىڭ 442 گە چىقتى.

ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ كۆپ ئۆلۈم كۆرۈلگەن نىيۇ يوركنىڭ شەھەر باشلىقى بىل دې بلاسىيو (Bill de Blasio) پىرېزىدېنت ترامپنى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇشتا شەھەرنى يالغۇز قويۇش بىلەن ئەيىبلەپ: «تىلىڭنى چىشلىۋالدىڭمۇ؟ نىيۇ يوركنى قۇتقۇزامسەن ياكى ‹ئارىلاشما ئۆلسۈن› دەمسەن؟» دېدى.

ئىتالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار يېقىنقى 24 سائەتتە 433 كىشى ئاشتى ۋە بۇ سان 23 مىڭ 660 قا چىقتى. يۇقۇملانغانلار 108 مىڭدىن ئاشتى.

فىرانسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار يېقىنقى 24 سائەتتە 395 كىشى ئېشىپ 19 مىڭ 718 گە چىقتى. يۇقۇملانغانلار 7 مىڭ 701 كىشى ئېشىپ 175 مىڭ 942 گە چىقتى.

پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باياناتىدا، كوچىلارنى تازىلاشقا ئىشلىتىدىغان سۇدىن ئېلىنغان ئۆرنەكلەردە، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئىزىنىڭ بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇ سەۋەبتىن، سۇنى ئىشلىتىش توختىتىلدى. باش مىنىستىر ئىدۋارد فىلىپ (Edouard Philippe)، سەھىيە مىنىستىرى ئولىۋىر ۋىغان (Olivier Veran) بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «ۋابادىن بۇرۇنقى ھاياتقا قايتىش ئۈچۈن خېلى ئۇزۇنغىچە ساقلىشىمىز لازىم» دېدى.

گېرمانىيەدە جېنىدىن ئايرىلغانلار 4 مىڭ 586 گە، يۇقۇملانغانلار تەخمىنەن 145 مىڭ 185 كە چىقتى. بىر كۈندە جېنىدىن ئايرىلغانلار ئىچىدە سەككىز تۈرك بار بولۇپ، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغان جەمئىي تۈركلەرنىڭ سانى 87 گە چىقتى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قۇدرەت ئۆزەرساي، ئەنگلىيەدە ياشايدىغان 80 قىبرىسلىق تۈركنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

لاتىن ئامېرىكا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 100 مىڭدىن ئاشتى. قىتئەدە بىرىنچى بولۇپ ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم ۋەقەسى كۆرۈلگەن بىرازىلىيەدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 462 گە، يۇقۇملانغانلار 38 مىڭ 654 كە چىقتى. بىرازىلىيە لاتىن ئامېرىكاسىدا ۋىرۇسنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەت بولۇپ قالدى.

لاتىن ئامېرىكاسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار ۋە يۇقۇملانغانلار تۆۋەندىكىدەك:

ئېكۋادوردا جېنىدىن ئايرىلغانلار 474، يۇقۇملانغانلار 468.

چىلىدا جېنىدىن ئايرىلغانلار 133، يۇقۇملانغانلار 10 مىڭ 88.

پېرۇدا جېنىدىن ئايرىلغانلار 400، يۇقۇملانغانلار 15 مىڭ 628.

كولومبىيەدە جېنىدىن ئايرىلغانلار 179، يۇقۇملانغانلار 3 مىڭ 792.

ئارگېنتىنادا جېنىدىن ئايرىلغانلار 132، يۇقۇملانغانلار 2 مىڭ 839.

ئۇراگۋايدا جېنىدىن ئايرىلغانلار 10، يۇقۇملانغانلار 517.

بولىۋىيەدە جېنىدىن ئايرىلغانلار 32، يۇقۇملانغانلار 520.

ۋېنېزۇئېلادا جېنىدىن ئايرىلغانلار توققۇز، يۇقۇملانغانلار 256.

پاراگۋايدا جېنىدىن ئايرىلغانلار سەككىز، يۇقۇملانغانلار 206.

مېكسىكادا جېنىدىن ئايرىلغانلار 650، يۇقۇملانغانلار 7 مىڭ 497.

پانامادا جېنىدىن ئايرىلغانلار 120، يۇقۇملانغانلار 4 مىڭ 273.

دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار 226، يۇقۇملانغانلار 4 مىڭ 680.

كۇبادا جېنىدىن ئايرىلغانلار 34، يۇقۇملانغانلار 1035.

كوستارىكادا جېنىدىن ئايرىلغانلار بەش، يۇقۇملانغانلار 660.

ھوندۇراستا جېنىدىن ئايرىلغانلار 46، يۇقۇملانغانلار 472.

گىۋاتېمالادا جېنىدىن ئايرىلغانلار يەتتە، يۇقۇملانغانلار 257.

ئەل سالۋادوردا جېنىدىن ئايرىلغانلار يەتتە، يۇقۇملانغانلار 201.

ھايتىدا جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچ، يۇقۇملانغانلار 47.

نىكاراگۇادا جېنىدىن ئايرىلغانلار ئىككى، يۇقۇملانغانلار 10.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر