نىيۇ يوركتا كارانتىن تەدبىرلىرى 15-مايغىچە ئۇزارتىلدى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 147 مىڭدىن، يۇقۇملانغانلار 2 مىليون 200 مىڭدىن، ياخشىلانغانلار 558 مىڭدىن ئاشتى.

1399891
نىيۇ يوركتا كارانتىن تەدبىرلىرى 15-مايغىچە ئۇزارتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا بىر كۈندە جېنىدىن ئايرىلغانلار تەخمىنەن 2 مىڭ 296 كىشى ئېشىپ، 33 مىڭ 286 گە يەتتى. يۇقۇملانغانلار 692 مىڭ كىشى ئېشىپ، 671 مىڭ 425كە چىقتى.

نىيۇ يورك شەھىرىدە بىر كۈندە 606 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇ سەۋەبتىن «ئۆيدە ئولتۇرۇش» يوليورۇقى ۋە زۆرۈر بولمىغان خىزمەت جايلىرىنى تاقاشقا ئوخشاش چەكلىمىلەر 15-مايغىچە ئۇزارتىلدى. يۇقۇملانغۇچىلار سانى 214 مىڭ 832 بولغان بۇ شەھەردە يېقىنقى 24 سائەتتە 8 مىڭ 859 كىشى ئېشىپ 223 مىڭ 691 گە يەتتى.

گۇام ئارىلىدا كارانتىن ئاستىغا ئېلىنغان «تېئودور روزېۋېلت» (Theodore Roosevelt) ئاۋىياماتكىسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئەسكەرلەر سانىنىڭ 655 كە چىققانلىقى ۋە ئاۋىياماتكىدىكى 4 مىڭ 59 ئەسكەرنىڭ گۇام ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىتالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى بىر كۈندە 525 كىشى ئېشىپ، 22 مىڭ 170 كە چىقتى. جەمئىي ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارسانى 168 مىڭ 941 گە چىقتى.

ئىتالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى بىر كۈندە 753 كىشى ئېشىپ 17 مىڭ 920 گە چىقتى. ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان كىشىلەرنىڭ سانى بىر كۈندە 16 مىڭ 464 كىشى ئېشىپ 164 مىڭ 327 گە يەتتى.

فىرانسىيەدە جېنىدىن ئايرىلغانلار بىر كۈندە 753 كىشى ئېشىپ 17 مىڭ 942 گە چىقتى. بىر كۈندە 16 مىڭ 464 كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى ۋە جەمئىي يۇقۇملانغانلار 164 مىڭ 327 گە چىقتى.

فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فلورېنس پارلي (Florence Parly) «چارلېز دېگول» (Charles de Gaulle) ئاۋىياماتكىسىدىكى كىشىلەرنىڭ يېرىمىدا دېگىدەك ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئاۋىياماتكىدىكى 2 مىڭ 10 كىشى ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشتە 1 مىڭ 81 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

13 مىڭ 729 كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغان ئەنگلىيەدە، ۋاباغا قارشى يولغا قويۇلغان كارانتىن تەدبىرلىرىنى ئۈچ ھەپتە ئۇزارتىش قارار قىلىندى.

ئەنگلىيەدە كارانتىن تەدبىرلىرى رامكىسىدا، 2020-يىلى 20-مارتتا مەكتەپلەر قويۇۋېتىلگەن ۋە ئارقىدىن قەھۋەخانا، كىنوخانا، رېستورانلار تاقالغان ئىدى. بىراق، خەلقنىڭ كوچىغا چىقماسلىق ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا رىئايە قىلماسلىقى سەۋەبىدىن 23-مارت سىرتقا چىقىشقا چەكلىمىلەر قويۇلغان ئىدى.

گېرمانىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 289 كىشى ئېشىپ 4 مىڭ 93 كە، يۇقۇملانغانلار 3 مىڭ 382 كىشى ئېشىپ 138 مىڭ 135 كە چىقتى.

شىۋېيتسارىيەدە 1 مىڭ 269 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى 2020-يىلى 16-مارت يولغا قويۇلغان قاتتىق تەدبىرلەرنى ئۈچ باسقۇچلۇق قەدەم بويىچە بوشىتىش قارار قىلىندى. قارار بويىچە، 27-ئاپرېل ساتىراشىانا، گۈزەللىك ۋە ھۆسىن تۈزەش سالونلىرى، رەڭلىك مېتال دۇكانلىرى، گۈل-چېچەك دۇكانلىرى، باغچا ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى سېتىش دۇكانلىرى، فىزىكىلىق داۋالاش مەركەزلىرىنىڭ ئېچىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. دوختۇرخانىلار ۋە ئامبولاتورىيەلەرنىڭ جىددىي ئەھۋال كۆرۈلمىگەندە، تىببىي خىزمەتلىرىنى سۇنۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

نوپۇسى تەخمىنەن 11.5 مىليون بولغان بېلگىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 4 مىڭ 857 گە چىقتى.

17 مىليون نوپۇسى بولغان گوللاندىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 3 مىڭ 315 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

مېكسىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 486 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 6 مىڭ 297 كىشى يۇقۇملاندى. ۋىرۇسنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان جايلار بىلەن ئاز تەسىرىگە ئۇچرىغان جايلار ئارىسىدا ساياھەتكە چەكلىمە قويۇشنىڭ باشلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

210 مىليون نوپۇسى بار جەنۇبىي ئامېرىكادىكى بىرازىلىيەدە، 1 مىڭ 924 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى، يۇقۇملانغۇچىلار 30 مىڭ 425 كە يەتتى.

بىرازىلىيەنىڭ ئاشقۇن ئوڭچى پىرېزىدېنتى بولسونارو ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇشتا كېلىشەلمىگەن سەھىيە مىنىستىرى ئېنھىيىكى ماندىيتا (Henrique Mandetta) نى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى.  

   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر