ئامېرىكا خىتاينى ئوچۇق – ئاشكارا بولۇشقا چاقىردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خىتاينى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە ئوچۇق – ئاشكارا بولۇش ۋە ھەمكارلىشىشقا چاقىردى.

1399430
ئامېرىكا خىتاينى ئوچۇق – ئاشكارا بولۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا مۇنداق دېدى: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ياڭ جيېچى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. تېلېفون سۆھبىتىدە، پومپېيو <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەش ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا ئېھتىياج بارلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بېيجىڭنى بۇ ھەقتە  ئوچۇق – ئاشكارا بولۇشقا ۋە ھەمكارلىىشىشقا چاقىردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا تېببىي لاىمەتلىكلەرنى يوللىغان خىتايغا رەھمەت ئېيتتى، ھەمدە ئامېرىكانىڭ مۇھىم تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تېببىي لاىمەتلىكلەرنى ئېكسپورت قىلىشنى قولايلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. ھەر ئىككى تەرەپ، يۇقۇمنى يوقىتىش، يەر شارى خاراكتېرلىك ساغلاملىق ۋە ۋە پاراۋانلىقنى قايتىدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر