ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياغلىق چېگىشىنى چەكلەش بەلگىلىمىسىگە قارشى چىققان مۇدىر ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

شىۋېتسىيەدە بىر شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەكتەپلەردە «ياغلىق چەكلەش» تۈزۈمىنى ئىجرا قىلمىغان مەكتەپ مۇدىرى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.

1398586
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياغلىق چېگىشىنى چەكلەش بەلگىلىمىسىگە قارشى چىققان مۇدىر ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيەنىڭ سكونې رايونى سكۇرۇپ ناھىيەسىدە شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان مەكتەپلەردە ياغلىق چېگىشنى چەكلەش قارارىنى ئىجرا قىلمىغان پراستاموسسې مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ماتتىئاس لىئېدھولم ۋەزىپسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.

شىۋېتسىيە دۆلەت تېلېۋېزىيەسى – STV نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چەكلىمە قارارىنى ئەيىبلەپ، ئىجرا قىلمىغان لىئېدھولم، سكۇرۇپ شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلانغان. STV نىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن لىئېدھولم، «ھازىر بىلىدىغىنىم، مەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە ھوقۇقتىن يىراقلاشتۇرۇلۇشۇمدۇر» دېدى.

سكۇرۇپ شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەجلىسى 5 ئاي ئىلگىرى 13 ياشتىن كىچىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياغلىق چېگىشىنى چەكلىگەن، ناھىيەدىكى پراستاموسسې مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ماتتىئاس لىئېدھولم، «چەكلىمىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ۋە ئۆز مەكتىپىدە ئۇنى تەتبىقلىمايدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەنىدى.

ئۇ، قارارغا بويسۇنمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئۆلۈم تەھدىتلىرى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر