تۈركىيەنىڭ ياردەملىرىگە يۇقىرى باھا بېرىلدى

ئامېرىكادىكى ئوكيان ھالقىغان لىدېرلىق تورى ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ساھسا توپېرىچ، تۈركىيەنىڭ كوۋىد – 19 غا قارشى دۇنياۋى كۈرەشنىڭ ئاچقۇچلۇق بىر ئاكتىيورى ئىكەنلىكىنى يازدى.

1398313
تۈركىيەنىڭ ياردەملىرىگە يۇقىرى باھا بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساھسا توپېرىچ، The Hill خەۋەرلەر تورىدا ئېلان قىلىنغان «تۈركىيە كوۋىد – 19 غا قارشى دۇنياۋى كۈرەشنىڭ ئاچقۇچلۇق ئاكتىيورى سۈپىتىدە ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالماقتا» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى ئاي تۇنجى يۇقۇملانغۇچى بايقىلىپ بىر كۈندىن كېيىنلا مەكتەپلەرنى تەتىلگە قويۇۋەتكەنلىكىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، ئەنقەرەنىڭ يۇقۇمغا قارىتا نۇرغۇن ياۋروپا دۆلىتىگە قارىغاندا تېز سۈرئەتتە تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ ئارقىدىن قوغدىغۇچى لازىمەتلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ماسكىلارنى خەلققە ھەقسىز تارقىتىپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى يازغان توپېرىچ، «دۆلەتنىڭ مىليونلارچە مۇساپىر ۋە پاناھلانغۇچىنى مېھمان قىلىۋاتقانلىقى، ۋەيران قىلغۇچ يەر تەۋرەشلەرنىڭ يۈز بېرىشىدەك بىر قاتار زور كۆلەملىك تەبئىي ئاپەتلەرگە دۇچ كەلگەنلىكى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، تۈركىيەنىڭ بۇ خىل كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىدە ئۇبدانلا تەييارلىقىنىڭ بولۇشى ھەيران قالارلىق ئەمەس» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ئىتالىيە، ئىسپانىيە ۋە ئەنگلىيە، شۇنداقلا بىر قاتار بالقان دۆلەتلىرىگە تېببىي ئەشيا ئەۋەتكەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن توپېرىچ، 88 دۆلەتنىڭ تۈركىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىنى ۋە ئەنقەرەنىڭ ھازىرغىچە 33 دۆلەتكە ياردەم يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئىسرائىلىيەنىڭمۇ تۈركىيەدىن تېببىي ئەشيا تەلەپ قىلماقچى بولغانلىقىنى يازغان توپېرىچ، ماقالىسىدە «تۈركىيە، ترابلۇسقا ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا كوۋىد – 19 بىمارلىرى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان ھادرا دوختۇرخانىسىغا ئۇدا بىر قانچە قېتىم ھۇجۇم قىلغان خەلىپە ھافتەرنىڭ ئۇرۇشخۇمارلىقى پاجىئە پاتقىقىغا ئىتتىرگەن لىۋىيەگىمۇ ياردەم قىلماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر