رۇسىيەدە 198 كىشى قازا قىلدى

رۇسىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانى 198 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 24 مىڭ 490 غا يەتتى.

1398626
رۇسىيەدە 198 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت موسكۋادا  «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە كوچىغا چىقىش چەكلىمىسى، ياكى ئىشلەيدىغانلارنىڭ ئىش ئورنىغا بېرىشى ئۈچۈن ئىجازەت ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. مېترو ئىستانسىلىرىدا ۋە شەھەرەە كىرىش ئېغىزلىرىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۆچىرەتتە تۇرۇش ئەھۋالى كۆرۈلدى.

دۇنيا مىقياسىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانى 125 مىڭغا يەتتى، ساقايغانلار سانى 480 مىڭدىن، يۇقۇملانغانلار سانى 2 مىليوندىن ئاشتى.

ئىراننىڭ ئىسفاھان ئۆلكىسىدە 23 كىشى ئاممىۋى تاراتقۇلاردا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ھەققىدە يالغان ئۇچۇر تارقىتىش ۋە تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى.

ئىران مۇئاۋىن سەھىيە مىنىستىرى ئەلى رىزا رەئىسى، دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈش ئىمكانىيەتلىرى چەقكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنى تولۇق ئېنىقكلاپ چىقىشقا مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقىنى، شۇڭا، يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ رەسمىي رەقەملەردىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

دۆلەتتە 4777 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 76389 كىشى يۇقۇملاندى.

ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانى 3 مىڭ 342 گە يەتكەن خىتايدا، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 24 كىشى ئۆلدى، 46 كىشى يۇقۇملاندى. شۇنىڭ بىلەن، دۆلەت مىقياسىدا يۇقۇملانغانلار سانى 82 مىڭ 295 كە يەتتى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 11 مىڭ 487 گە يەتكەن ھىندىستاندا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

 باش مىنىستىر نارېندرا مودىنىڭ، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە دۆلەت مىقياسىدا كوچىغا چىقىش چەكلىمىسىنىڭ مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلغانلىقىنى جاكارلىشىدىن كېيىن، بومباي شەھىرىدە مىڭلارچە كىشى  نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

دۆلەتتە، كوچىغا چىقىش چەكلىمىسى سەۋەبىدىن كارانتىن ئاستىغا ئېلىنغان ئىشچىلارنىڭ كارانتىن مەركەزلىرىدىن قاچقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پاكىستاندا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانى 107 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 5988 گە يەتتى.

25 كىشى ئۆلگەن، 784 كىشى يۇقۇملانغان ئافغانىستاندا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن پايتەخت كابۇلنىمۇ ئىلھام ئەلىيېۋ كۆپلىگەن شەھەرلەردە كوچىغا چىقىش چەكلىمىسى يولغا قويۇلدى. ۋىرۇس بارلىق رايونلارغا تارقاپ كەتكەندىن كېيىن، كۆپلىگەن شەھەرلەرگە كىرىش – چىقىش مەنئىي قىلىندى.

126 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىسرائىلىيەدە، 8 كۈنلۈك بىر بوۋاقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 12200 كىشى يۇقۇملاندى. بوۋاقنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

جەنۇبىي كورىيەدە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 11 مىڭغا يېقىنلاشتى.

ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 1199 غا يەتكەن قازاقىستاندا جىددىي ھالەت چەكلىمىسىنىڭ مۇددىتى 1 – مايغىچە ئۇزارتىلدى.

13 كىشى قازا قىلغان ئەزەربەيجاندە 1197 كىشى يۇقۇملاندى. ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، گەرچە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى ئىقتىسادقا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئىنسان سالامەتلىكى ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 4 كىشى قازا قىلغان ئۆزبېكىستاندا 1100 كىشى يۇقۇملاندى.

مولداۋىيەدە 38 كىشى ئۆلدى، 1799 كىشى يۇقۇملاندى.

بېلارۇسىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتتە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 33 كە، يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 80 بالا بىلەن قوشۇلۇپ 3281 گە يەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

ۋىرۇس سەۋەبىدىن 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 299 كىشى يۇقۇملانغان گىرۇزىيەدە، پايتەخت تىفلىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۇتايسى، باتۇمى، رۇستاۋى شەھەرلىرىدە، بۈگۈندىن باشلاپ ئۇدا 10 كۈنگىچە بارلىق كىرىش – چىقىش ئېغىزلىرىنىڭ تاقىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانى ئالجىرىيەدە 326 گە، سەئۇدى ئەرەبىستاندا 73 كە يەتتى.

ئىراقتا 78 كىشى ئۆلدى، 1400 كىشى يۇقۇملاندى.

تۇنىستا 34 كىشى قازا قىلدى، «ئىتتىھاد بىن قىردان» پۇتبول كوماندىسى ماھىرلىرىدىن ئۆمەر زەكرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 727 كىشى يۇقۇملاندى.

گىۋىنىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن تۇنجى ئۆلۈم ھادىسىسى كۆرۈلدى، 363 كىشى يۇقۇملاندى.

كېنىيەدە 9 كىشى ئۆلدى، 216 كىشى يۇقۇملاندى. «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە ماسكا تاقماستىن سىرتقا چىققۇچىلارنىڭ 20 مىڭ شىلىن (1300 تۈركىيە لىراسى) پۇل جازاسى، ياكى 6 ئاي قاماق جازاسى بېرىلدىىغانلىقى جاكارلاندى.

ئافرىقا قىتئەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 874 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 16 مىڭ 285 كە يەتتى. لېسوتھو ۋە كومورلار بىرلىكىدە بولسا تېخىچە ھېچقانداق يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر