خىتايدا ئۆلۈم ھادىسىسى كۆرۈلمىدى

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان  خىتايدا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ئىچىدە 89 كىشى يۇقۇملاندى، ئۆلۈم ھادىسىسى كۆرۈلمىدى.

1397857
خىتايدا ئۆلۈم ھادىسىسى كۆرۈلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتتە ۋىرۇس ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان يۇقۇملانغانلار سانى 82 مىڭ 249 غا يەتتى.  خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسقا قارشى ئىشلەپچىقىرىلغان يەنە 2 ۋاكسىنىنىڭ سىناق قىلىشقا باشلىنىشىنى تەستىقلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا مىقياسىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانى 120 مىڭدىن ، يۇقۇملانغانلار سانى بىر مىليون 926 مىڭدىن، ساقايغانلار سانى بولسا 452 مىڭدىن ئاشتى.

ئىراندا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانى 4 مىڭ 683 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 73 مىڭ 303 كە يەتتى.

پايتەخت تېھراندا كەڭ خەلق ئاممىسى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ كەڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە زۆرۈر بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا،  ئاممىۋى يېقىنلىشىش چەكلىمىسىگە رىئايە قىلىش ئۈچۈن ۋېلىسپىتكە مىنىش توغرۇلۇق چاقىرىق قىلىندى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانى % 25 ئېشىش بىلەن 170 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 21 مىڭ 102 گە يەتكەن رۇسىيەدە، كۈندىلىك يۇقۇملىنىش نىسبىتىدىكى ئۆرلەشنىڭ ھازىرغىچە بولغان ئەڭ يۈكسەك سەۋىيە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئۇكرائىنادا ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 98 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 3 مىڭ 372 گە، ساقايغانلار سانى 119 غا يەتتى.

مولداۋىيەدە 36 كىشى قازا قىلدى، 1712 كىشى يۇقۇملاندى.

بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكو، دۆلىتىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلۈم ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ھاياتىدىن ئايرىلغانلار بىر گۇرۇپپا سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان كىشىلەردۇر.»

بېلارۇسىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى بولسا، دۆلەتتە يېقىنقى بىر كۈن ئىچىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 3 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 29 غا يەتكەنلىكىنى، يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 3 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

14 كىشى قازا قىلغان، 1179 كىشى يۇقۇملانغان قازاقىستاندا، يەنە 138 كىشى ۋىرۇسنى يېڭىپ، ساقايدى. 82 ياشلىق بىر ئايالمۇ بالنېستىن چىقتى.

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سوئورونباي جېنبېكوۋ، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان جىددىي ھالەت چەكلىمىسىنىڭ مۇددىتىنىڭ 15 – ئاپرېلدىن 30 – ئاپرېلغىچە ئۇزۇرتىلغان قارارنامىنى ماقۇللاپ، پارلامېنتقا سۇندى. قىرغىزىستان مۇئاۋىن سەھىيە مىنىستىرى نۇربولات ئۇسېنبايېۋ، دۆلەتتە  «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 5 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 430 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى، 71 كىشىنىڭ ساقايغانلىقىنى بىلدۈردى.

16 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەرمېنىيەدە يۇقۇملانغانلار سانى 1067 گە يەتتى.

ئۆزبېكىستاندا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 4 كىشى قازا قىلدى، 1054 كىشى يۇقۇملاندى، 89 كىشى ساقايدى.

گىرۇزىيەدە 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 299 كىشى يۇقۇملاندى، 68 كىشى ساقايدى.

يۇقۇم سەۋەبىدىن 115 كىشى قازا قىلغان ئىسرائىلىيەدە ھۆكۈمەت تەرەپ، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە شەھەرلەر ئارا قاتناشنى چەكلىدى، سەيشەنبە كۈنىدىن پەيشەنبە كۈنىگىچە سىرتقا چىقىشنى مەنئىي قىلدى.

مىسىردا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 159 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 2065 كىشى يۇقۇملاندى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، مىسىرنى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە بىر يەرگە جەم بولۇشنى ئازايتىش ئۈچۈن ئۈستى ئوچۇق ۋە ئۈستى يېپىق بازارلار  ھەم دۇكانلارغا قارىتا ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە چاقىردى.

بەھرەيندە 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 1392 كىشى يۇقۇملاندى. ئۇمماندا بولسا، 4 كىشى ئۆلدى، 813 كىشى يۇقۇملاندى.

لىۋاندا 632 كىشى، ئىيوردانىيەدە 361 كىشى يۇقۇملاندى. لىۋىيەدە 26 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

358 كىشى قازا قىلغان، 10 مىڭ 541 كىشى يۇقۇملانغان ھىندىستاندا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىنىڭ مۇددىتى 3 – مايىچە ئۇزارتىلدى.

سىنگاپۇردا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانى 9 غا، يۇقۇملانغانلار سانى تۈنۈگۈنكى 386 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ 2918 گە يەتتى.

ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 399 غا، يۇقۇملانغانلار سانى 4557 گە يەتكەن ھىندونېزىيەدە، ئومۇميۈزلۈك مىللىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش سەپەرۋەرلىكى ئېلان قىلىندى. پايتەخت جاكارتا بىلەن بىرلىكتە بەزى رايونلاردا «كەڭ دائىرىلىك ئىجتىمائىي چەكلىمىلەر» يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى.

ئافرىقىدا 52 دۆلەتكە تارقالغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 816 گە يەتتى، يۇقۇملانغانلار سانى 15 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر