بايدىن ۋىسكونسىن ئىشتاتىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ تەييارلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلدى

ئامېرىكانىڭ سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جو بايدىن، ۋىسكونسىن ئىشتاتىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ تەييارلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلدى.

1397711
بايدىن ۋىسكونسىن ئىشتاتىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ تەييارلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) يۇقۇمىنىڭ تارقىلىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، ئالدىنقى سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن تەييارلىق سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى.

بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان غەيرىي رەسمىي نەتىجىگە قارىغاندا ، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت كاندىدات كاندىداتلىرى جوۋ بايدىن بىلەن بېرنى ساندېرس ئوتتۇرىسىدىكى ۋىسكونسىندا ئۆتكۈزۈلگەن تەييارلىق سايلىمىدا بايدىن %63 ئاۋازغا ئېرىشىپ غەلىبە قىلغان، ساندېرس %31 ئاۋازغا ئېرىشكەن.

ساندېرس مەزكۇر تەييارلىق سايلىمىنىڭ ئەرتىسى كۈنى بايانات بېرىپ، پىرېزىدېنتلىق سايلىمى رىقابىتىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بايدېن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ بىردىنبىر پرېزىدېنت كاندىداتى بولۇپ قالغانىدى.

ساندېرس تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، نويابىردىكى سايلامدا بايدېننى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر