ب د ت ئىدلىبكە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتتى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىگە 38 يۈك ئاپتوموبىللىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتتى.
1397962
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىللىرى خاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسىدىكى «‹ جىلۋەگۆزۈ › چېگرا ئېغىزى » دىن ئۆتۈپ، ئىدلىبكە قاراپ يولغا چىقتى.
ئىگىلىنىشىچە، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئىدلىب ۋە ئەتراپىدىكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىلىدىكەن.