پۇتىن: رۇسىيەدە يۇقۇم ئەھۋالى بارغانسېرى يامانلىشىۋاتىدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن دۆلىتىدە يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1397219
پۇتىن: رۇسىيەدە يۇقۇم ئەھۋالى بارغانسېرى يامانلىشىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ھەققىدە توختالغان پۇتىن، دۆلىتىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقانلىقىنى، بىراق بۇ ھەقتە قوللىنىلىۋاتقان تەدبىرلىرىنىڭ دەل جايىدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بارلىق ساقلىقنى ساقلاش ئورۇنلىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق رايونلارنى قوغدىنىش لازىمەتلىكلىرى ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلەش توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، زۆرۈر تېپىلغاندا، ئارمىيەنىڭ ئىمكانلىرىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر