جەنۇبىي كورېيەدە خەلقنىڭ ۋىرۇسقا قارشى تەدبىرلەرگە رىئايە قىلماسلىقى چوڭ ئەندىشە ياراتتى

جەنۇبىي كورېيەدە ھەپتە ئاخىرىدىكى پاسخا بايرىمى ۋە سايلام سەۋەبىدىن يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (كوۋىد -19) تەدبىرلىرىگە خىلاپلىق قىلىش ھادىسىلىرىنىڭ كۆرۈلىشى چوڭ ئەندىشە ياراتتى.

1397263
جەنۇبىي كورېيەدە خەلقنىڭ ۋىرۇسقا قارشى تەدبىرلەرگە رىئايە قىلماسلىقى چوڭ ئەندىشە ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيەدە كوۋىد -19 بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى تۆۋەنلاۋاتقان بىر پەيتتە، خەلق باھارنىڭ پەيزىنىسۈرۈش ئۈچۈن شۇنداقلا  پاسخا بايرىمى ۋە پارلامېنت سايلىمى  قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن چىركاۋلارغا، دەم ئېلىش مۇئەسسىسەلىرىگە، بېلەت تاشلاش مەركەزلىرىگە ۋە ئىجتىمائىي سورۇنلارغا سەل بولۇپ ئاقتى.

پاسخا بايرىمى سەۋەبىدىن چېركاۋلارنىڭ زىچلىقى %59.7 كە يەتكەن بولسا، باغچا ۋە رېستورانلارمۇ زىيارەتچىلەر دولقۇنىغا دۇچ كەلدى.

مەملىكەتلىك سايلام كومىتېتى ھەپتە ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇددەتتىن بۇرۇنقى سايلامدا، ئەسلىدىكى 44 مىليون سايلىغۇچىنىڭ %26 نىڭ بېلەت تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ 2017 - يىلدىكى سايلامغا سېلىشتۈرغاندا % 0.6 يۇقىرى نىسبەت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

سېئۇلدىكى كىتابخانىلارمۇ زىچلىقتىن نېسىۋىسىنى ئالدى. بىراق كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئارىلىق ساقلاش قائىدىسىگە بويسۇنمىغانلىقى ۋە ئۆزئارا ماسكىلىرىنى چۈشۈرۈپ پاراڭلاشقانلىقى كۆرۈلدى.

كورېيە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى جېئوڭ ئۇنكېيوڭ ئاممىنى كوۋىد -19 تەدبىرلىرىگە رىئايە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى.

جېئوڭ ئۇنكېيوڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى بۇ زىچلىق سەۋەبىدىن ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرىلىشىدىن  ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر