ئافغانىستاندىكى بىر سەيلىگاھتا پارتلاش يۈز بېرىپ 3 پۇقرا قازا قىلدى
ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قەندىھارئۆلكىسىنىڭ سىپىن بۇلداق ناھىيەسىدىكى بىر سەيلىگاھقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتلاپ، ئۈچ پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1395914
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قەندىھار ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى جەمال ناسىر بارىكزەي مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتىدا ، سىپىن بۇلداق ناھىيەسىدىكى سەيلىگاھقا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پارتلاپ، ئۈچ پۇقرانىڭ قازا قىلغانلىقىنى ، ئىككى كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھازىرچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.