كانادا سەئۇدى ئەرەبىستانغا يۈرگۈزۈۋاتقان قورال ئېمبارگوسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانچويس فىلىپ شامپان (Francois-Philippe Champagne) ۋە مالىيە مىنىستىرى بىل مورنۇۋ (Bill Morneau) سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەيدىغان ئېمبارگونىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1395636
كانادا سەئۇدى ئەرەبىستانغا يۈرگۈزۈۋاتقان قورال ئېمبارگوسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانچويس فىلىپ شامپان بىلەن مالىيە مىنىستىرى بىل مورنۇۋ سەئۇدى ئەرەبىستانغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قورال ئېمبارگوسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلار كانادانىڭ 2019-يىلىدا ب د ت قورال سېتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانغا بىرونېۋىك ئاپتوموبىل سېتىپ بېرىش ئىشلىرىنىڭ كېيىنكى ھۆكۈمەتكە قالدۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانچويس فىلىپ شامپان يېڭىلانغان كېلىشىمنى ھېچكىمنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللاشقانلىقىنىڭ بېشارىتى سۈپىتىدە ئانالىز قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى كىشىنى بىئارام قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. كىشىلىك ھوقۇقنى داۋاملىق قوغدايمىز» دېدى.

ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئاپتوموبىللارنى نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقى سوئالىغا: «ئاپتوموبىللارنىڭ پادىشاھ ئائىلىسىنى قوغداشقا مەسئۇل ئىچكى بىخەتەرلىك كۈچى ئىشلىتىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ پات يېقىندا، ھۆكۈمەتنىڭ خېلى بۇرۇنلا ئاپتوموبىللارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شەرقىدە پۇقرالارغا قارشى ۋە يەمەندىكى ئۇرۇشتا ئىشلىتىلگەنلىكى ھەققىدىكى تەكشۈرۈشىگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي بايانات ئېلان قىلىشقا ۋەدە بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر