ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسمىنى ۋەزىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى توختاتتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن تىنچلىق ساقلاش قىسمى ئەسكەرلىرىنىڭ قايتىدىن ۋەزىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى توختاتتى.

1394731
ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسمىنى ۋەزىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى ستېپھان دۇجاررىچ، ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسمى ئەسكەرلىرى ۋە خەلقئارالىق ساقچى كۈچلىرىنىڭ قايتىدىن ۋەزىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ 30 – ئىيۇلغىچە توختىتىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ يەنە، مەۋجۇت تىنچلىق ساقلاش قىسمى  ئەسكەرلىرىگە بولسا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ھېچقانداق ۋەزىپە تاپشۇرۇلمايدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ۋە قىبرىس قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 13 تىنچلىق ساقلاش قىسمى قارمىقىدا، ھەربىي ۋە پۇقراۋى خادىملاردىن تەشكىل تاپقان 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر