ۋۇخەندە كارانتىن تەدبىرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 82 مىڭدىن، يۇقۇملانغانلار 1 مىليون 433 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار 302 مىڭدىن ئاشتى.

1393638
ۋۇخەندە كارانتىن تەدبىرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى 2019-يىلى دېكابىر ئېيىدا پەيدا بولغان خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە كارانتىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.شەھەردە 76 كۈن كارانتىن تەدبىرلىرى يۈرگۈزۈلدى. خىتاي دائىرىلىرى 11 مىليون نوپۇسلۇق ۋۇخەندە ياشايدىغانلارنىڭ شەھەردىن رۇخسەت ئالماستىن چىقالاليدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابى ھۆكۈمەتنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىگە خەلق بويسۇنسا، جىددىي ھالەتنى بىر ئاي ئىچىدە ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

ياپونىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 109 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. يېقىنقى 24 سائەتتە يۇقۇملانغانلار 5 مىڭ 500 گە يېقىنلاشتى.

ياپونىيەدە تۈنۈگۈن (2020-يىلى 7-ئاپرېل) ئېلان قىلىنغان ۋە پايتەخت توكيو، كاناگاۋا، سائىتاما، چىبا، ئوساكا، ھيوگو ۋە فۇكۇۋكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىددىي ھالەتنى 2020-يىلى 6-ماي ئاخىرلاشتۇرۇش پىلان قىلىنماقتا.

200 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 10 مىڭ 384 كىشى يۇقۇملانغان جەنۇبىي كورېيەدە، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن كورېيەلىكلەرنىڭ كىرىشى چەكلەنگەن دۆلەتلەر بىلەن «ۋىزىسىز كىرىش» ۋە «ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش» پىروگراممىلىرى ۋاقىتلىق توختىتىلىدۇ. بۇ بەلگىلىمە، ئاۋستىرالىيە ۋە كاناداغا ئوخشاش ۋىزىسىز كىرىش يولغا قويۇلغان 34 دۆلەت؛ فىرانسىيە، رۇسىيە، تايلاند قاتارلىق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش پىروگراممىسى يولغا قويۇلغان 54 دۆلەت ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

ئىراندا جېنىدىن ئايرىلغانلار 4 مىڭ 3 كە چىقتى.

رۇسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە 1175 كىشى يۇقۇملاندى ۋە بۇ، بىر كۈندە ئەڭ كۆپ يۇقۇملىنىش كۆرۈلگەن كۈن بولۇپ قالدى.

ئۇكرائىنادا ئىستىخبارات ئىدارىسىدا خىزمەت قىلىدىغان ئۈچ خادىمدا ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالدى. بۇ دۆلەتتە ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 52 گە، يۇقۇملانغانلار 668 گە چىقتى.

ئىسىرائىلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 71 گە، يۇقۇملانغانلار 9 مىڭ 404 كە يەتتى.

41 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 2 مىڭ 795 كىشى يۇقۇملانغان سەئۇدى ئەرەبىستاندا، سەھىيە مىنىستىرى تەۋپىق ئەررابىيا كېيىنكى ھەپتىلەردە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ ، ئەڭ ئاز دېگەندە 10 مىڭ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 200 مىڭ ئارىسىدا بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

يەمەن ھۆكۈمىتى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان چېگراسىدىكى ئەل ۋېدىيا چېگرا ئېغىزىنى تاقاشنى قارار قىلدى. ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىق ۋە قوراللىق توقۇنۇشلار ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان بۇ دۆلەتتە، ھازىرغىچە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار بايقالمىدى.  

تۇنىستا ھازىرغىچە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 22 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، يۇقۇملانغانلار 596 گە چىقتى.

تۇنىس ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھىشام ئەل مەشىشى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى رامكىسىدا باشلانغان كارانتىن تەدبىرلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ «پەرۋاسىزلىق بىلەن ئادەم يارىلاندۇرۇش، ھەتتا پەرۋاسىزلىق بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش» جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سېنېگالدا ھازىرغىچە ئىككى كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى، 237 كىشى يۇقۇملاندى ۋە 105 ۋۇخەن ۋىرۇسى بېمارى ياخشىلاندى.

توگودا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋبىدىن ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 65 كىشى يۇقۇملاندى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۈچ ياشلىق ئىككى بوۋاق بار.

ھازىرغىچە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك سەككىز ۋەقە كۆرۈلگەن ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسى گۇماندارلىرىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى چەت ئەلگە ئەۋەتىۋاتقان سومالى، ئاخىرى ئۆزىنىڭ دىياگنوز تەجرىبىخانىسىنى قۇردى.

ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 52 كىشى يۇقۇملانغان ئېفىيوپىيەدە، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش دائىرىسىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.

ھىندونېزىيەدە 240 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى، يۇقۇملانغانلار 2 مىڭ 956 گە چىقتى.

ھىندونېزىيەدە ئىككى ھەپتىگىچە مەكتەپلەر، كۆڭۈل ئېچىش ماكانلىرى، ساياھەت ئورۇنلىرى، ئىبادەتخانىلار ۋە شىركەتلەر تاقىلىدۇ. ئاممىۋى قاتناشقا چەكلىمىلەر قويۇلىدۇ. سەھىيە، يېمەك-ئىچمەك، پۇل-مۇئامىلە ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق سەككىز ئوخشىمىغان ساھەلەر چەكلىمىلەردىن خالىي بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پايتەخت جاكارتادا بەشتىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۇچرىشىشى چەكلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر