ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ «رۇسىيە ئىمپېرىيەسى ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى تېرورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ئامېرىكا رۇسىيە مەركەزلىك «ئاق تەنلىك ئىرقچى» گۇرۇپپىسى «رۇسىيە ئىمپېرىيەسى ھەرىكىتى» نى «يەرشارى تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى» تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

1392904
ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ «رۇسىيە ئىمپېرىيەسى ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى تېرورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرغۇچى مەسئۇلى ناتان سالېش «رۇسىيە ئىمپېرىيەسى ھەرىكىتى» نالىق گۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ناتان سالېش ئېلان قىلغان باياناتىدا، «بۇ خىل قەدەملەرنىڭ ئىلگىرى ھېچقانداق مىسالى يوق. ئامېرىكا تۇنجى قېتىم ئاق تەنلىك ئىرقچى تەشكىلاتنى «تېرورلۇق تەشكىلاتى» دەپ باھالىدى. بۇ بىزنىڭ ئاق تەنلىك ئىرقچىلىقنىڭ تەھدىتىگە قانچىلىك ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ». دېدى.

بىر قىسىم ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، «رۇسىيە ئىمپېرىيەسى ھەرىكىتى» ناملىق گۇرۇپپىنىڭ روسىيەدە ناتسىزىمچىلارغا ۋە ئاق تەنلىك ئىرقچىلارغا پاراللېل ھالدا يېرىم ھەربىي مەشىق تەلىم تەربىيەسى بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە سانت پېتىربۇرگدا ئىككى لاگېرى بارلىقىنى ئېيتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر