ئىراندا ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 3 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى

ئىراندا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە  ئۆلگەن 124 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى  3160 قا يەتتى.

1389931
ئىراندا ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 3 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ يىل ئاخىرغىچە داۋاملىشىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا، بۇ ھەقتىكى تەدبىرلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن ھالدا داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋىرۇس سەۋەبىدىن 30 كىشى ئۆلۈپ كەتكەن رۇسىيەدە يۇقۇملانغانلار سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يۇقۇملانغان 771 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ 3548 گە يەتتى.

ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 26 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 6092 گە يەتكەن ئىسرائىلىيەدە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغان سەھىيە مىنىستىرى ياكۇپ لىتزمان ۋەزىپە ئۆتەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىغا قاراشلىق پەلەستىنلىك ئەسىرلەر ھەيئىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئىسرائىلىيەدە بىر يىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بىر پەلەستىنلىك ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلگەن پەلەستىنلىك مەھبۇسلار بىلەن تۈرمىدىكى ۋاقتىدا يېقىن ئۆتكەن باشقا تۇتقۇنلارنىڭمۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ يۇقۇملانمىغانلىقى ھەققىدە خىزمەت ئىشلەنمەكتە ئىكەن. باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، بۇنىڭ جاۋابكارى ئىسرائىلىيە ئىكەن.

دۇنيا مىقياسىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 47 مىڭدىن، يۇقۇملانغانلار سانى 937 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، ساقايغانلارنىڭ سانى 200 مىڭغا يەتتى.

ئىراقتا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 52 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 728 گە يەتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن يەنە 6 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، جەمئىي 16 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئىلگىرى گېرمانىيەلىك ئىككى ساياھەتچى ئۆلۈپ كەتكەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 77 گە يەتتى. جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىدە بولسا ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 9 غا، يۇقۇملانغانلار سانى 320 گە يەتتى.

ماراكەشتە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 39 گە، مىسىردا 52 گە، تۇنىستا 12 گە يەتتى.

جەنۇبىي ئافرىقادا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن، HIV  ۋىرۇسىغا قارشى پائالىيەتلىرى بىلەن بىلىنىدىغان دۇنياغا داڭلىق جەنۇبىي ئافرىقالىق ئالىم پىروفېسسور دوكتور گىتا رامجېنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان   5 كىشى ئۆلدى، 1353 كىشى يۇقۇملاندى.

فىلىپپىن پرېزىدېنتى رودرىگو دۇتېرتې، ئەگەر ھۆكۈمەت «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشنى چەكلىسە، قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارغا ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرغۇچىلارغا ئوق چىقىرىش، يېمەكلىك ۋە نەق پۇل ياردىمىنى توختىتىش توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، ساقچىلاردىن، دوختۇرلار ۋە سەھىيە خادىملىرىغا زەھەرلىك خىمىيەلىك ماددىلار ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغۇچىلارنى، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە خەتەرلىك ماددىلارنى چېچىش ياكى ئىچىشكە زورلاش ئارقىلىق جازالاندۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. فىلىپپىندا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 107 ئادەم قازا قىلغان، 2633 كىشى يۇقۇملانغانىدى.

ئافرىقا قىتئەسىدىكى 49 دۆلەتكە تارقالغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىمارلىرىنىڭ سانى بىر كۈندە 5786 دىن 6219 گە كۆپەيدى. ۋىرۇس ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن دۆلەتلەر جەنۇبىي ئافرىقا ، مىسىر ، ئالجىرىيە ، ماراكەش ، تۇنىس ، بۇركىنا فاسو ۋە كامېرون بولدى.

82 كىشى يۇقۇملانغان رىۋاندادا،  ئۆيدىن سىرتقا  چىقىش چەكلىمىسىنىڭ مۇددىتى يەنە ئىككى ھەپتە ئۇزارتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر