ياپونىيەدە ھەر بىر ئۆيگە يۇيۇپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان رەخت ماسكا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان بولدى

ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋىد-19) غا قارشى تەدبىرلەر دائىرىسىدە ، دۆلەت مىقياسىدا ھەر بىر ئۆيگە يۇيۇپ ئىشلىتىشكە ۋە يېغىپ قايتا ئىشلەپچىقىرىشقا بولىدىغان رەخت ماسكا يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1389406
ياپونىيەدە ھەر بىر ئۆيگە يۇيۇپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان رەخت ماسكا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ دۆلەتلىك «NHK» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىنزو ئابى ھۆكۈمەتنىڭ كوۋىد -19 غا قارشى كۈرەش ئۈچۈن قۇرۇپ چىققان خىزمەت گۇرۇپپىسى يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىگەن.

شىنزو ئابى باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ياپونىيەدىكى يۇقۇملىنىشنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئاستا بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

شىنزو ئابى ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشىغا قارىماي، بەزى رايونلاردىكى سەھىيە مۇئەسسىسەلىرىنىڭ سېغىمچانلىق ئىقتىدارىنىڭ جىددىيلىشىشكە باشلىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ياپونىيەنىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىدىمۇ بۇ ئەھۋالنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئېيتتى.

شىنزو ئابى ئاممىنىڭ ماسكا ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇ ئاي ئىچىدە يۇيۇشقا ۋە يىغىۋېلىپ قايتا ئىشلەپچىقىرىشقا بولىدىغان ئىككى خىل رەخت ماسكانىڭ مەملىكەتنىڭ ھەممىلا جايلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر