ئەسەد قىسىملىرى ئالقىنىغا كىرگۈزگەن ئولتۇراق جايلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا

بەششار ئەسەد قىسىملىرى ۋە سۈرىيىدىكى ئىران قوللىغان تېرورلۇق گۇرۇپپىلىرىدىن تەركىب تاپقان ھاكىمىيەت كۈچلىرى ئىدلىبتىكى جىددىيچىلىكنى ئازايتىش رايونىدا ئالقىنىغا كىرگۈزگەن ئولتۇراق جايلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا.

1389150
ئەسەد قىسىملىرى ئالقىنىغا كىرگۈزگەن ئولتۇراق جايلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ھاكىمىيەت قىسىملىرى ئىدلىبنىڭ جەنۇبىدا يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان پۇقرالارنى كۆچۈرۈش ئارقىلىق ئالقىنىغا كىرگۈزگەن ئولتۇراق رايونلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان.

ئەسەد كۈچلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلەنگەن رەسىملەردە ئۆيدىكى ئىشىك، دېرىزە، توك سىمى، تۇرۇبا، جۈمەك، ئاشخانا ئۈسكۈنىلىرى، كارىۋات ۋە ئىشكاپ قاتارلىق ماتېرىياللارنى سۆكۈپ ئېلىپ، ئۇلارنى كەنتنىڭ مەركىزىگە يىغىۋاتقانلىقى ۋە ئۇ يەردىن چوڭ ماشىنىلارغا يۈكلەۋاتقانلىقى كۆرۈلدى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى قىسىملىرىنىڭ بۇ ماتېرىياللارنى ھەلەب، دەمەشىق قاتارلىق شەھەرلەرگە ئېلىپ بېرىپ، ئەرزان باھادا ساتدىغانلىقى مەلۇم.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر