ۋۇخەن ۋىرۇسى ناتوغىمۇ ئېغىر زەربە بەردى

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) دۇنيادا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلىپلا قالماستىن، غەرب دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھەربىي ئىتتىپاقى ناتوغىمۇ تەسىر قىلدى.

1389256
ۋۇخەن ۋىرۇسى ناتوغىمۇ ئېغىر زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 30-مارت بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ناتو ئىشتابىدا خىزمەت قىلىدىغان بىر كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بايقىلىشى بىلەن، ناتودا يۇقۇملانغان خىزمەتچىلەر ساننىڭ بەشكە چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى. تولۇق سان ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى ناتو نۇقتىلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىي خادىملار ئارىسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلدى.

ناتو ئىشتابلىرىدا خىزمەتچىلەر سانى ۋە يىغىن ئازايتىلدى. زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن باشقا دۆلەتلەرگە بېرىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. سىرتتىن زىيارەتچى قوبۇل قىلىشمۇ چەكلەندى. بىر يىلدا ئىككى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى» تۇنجى قېتىم ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئېچىلدى.

ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئەتە (2020-يىلى 2-ئاپرېل) بىخەتەر تور لېنيەسىدە تېلېۋىزىيە يىغىنى ئۇسۇلىدا، ئىتتىپاققا مۇناسىۋەتلىك خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ۋىرۇس تارقىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىشنىڭ، خىزمەتچى خادىملار ۋە ھەربىي قىسىملارنىڭ سالامەتلىكى ھەمدە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ناتو ھەربىي قىسىملىرى ۋە ئىشتابلىرىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ناتوغا ئوخشاش مۇھىم تەشكىلاتنىڭ پائالىيەتلىرىنى پۈتۈنلەي توختىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

بىراق، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشى بىلەن، ناتونىڭ تەييارلىق سەۋىيەسىنى يۇقىرى سەۋىيەدە تۇتۇپ تۇرۇشنى ۋە ھەربىي ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان مانېۋىرلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، كېچىكتۈرۈلدى ياكى تۆۋەن نىسبەتتە قاتنىشىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

ئامېرىكانىڭ كىرىزىس ۋاقتىدا ياۋروپاغا ئەسكەر ۋە ھەربىي ئەسلىھە يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان «Defender-Europe 20» مانېۋىرى، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بىرىنچى مانېۋىر بولدى.

ئامېرىكا ياۋروپاغا ئەسكەر يۆتكەشنىڭ توختىتىلىدىغانلىقىنى ۋە مانېۋىرنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

نورۋېگىيەدە 2020-يىلى 9-مارت باشلانغان «Exercise Cold Response 20» مانېۋىرىمۇ توختىتىلدى. «Dynamic Front»، «Saber Strike»  ۋە «Swift Response» مانېۋىرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر