تالىبان ھەيئىتى كابۇلغا يېتىپ باردى

ئافغانىستاندا تالىبان ھاكىمىيىتى 2002-يىلى ئۆرۈلگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۈچ كىشىلىك بىر تالىبان ھەيئىتى، مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن كابۇلغا باردى.

1389403
تالىبان ھەيئىتى كابۇلغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان دۆلەت بىخەتەرلىك شۇراسى تالىبان ھەيئىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، تالىبان ھەيئىتى بىلەن ئافغانىستان ھەيئىتى ئوتتۇرىسىدا بىرىنچى قېتىملىق تېخنىكىلىق كۆرۈشۈشنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئۇچرىشىشنىڭ ياخشى بولغانلىقى ۋە ئەتە (2020-يىلى 1-ئاپرېل) مۇ داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كۆرۈشۈشتە، قىزىل كرېست جەمئىيىتى ۋەكىللىرىنىڭمۇ قاتناشقانلىقى تەكىتلەندى.

تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان مەھبۇس ئالماشتۇرۇش مۇزاكىرەسىنىڭ تالىبان ھەيئىتىنىڭ كابۇلغا بېرىش ۋاقتىنىڭ ئېنىق بولماسلىقى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر