سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج توغرىسىدا چاقىرىق ئېلان قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان مۇسۇلمانلارنى ھەج مەسىلىسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) غا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئايدىڭلىشىشىنى كۈتۈشكە چاقىردى.

1388967
سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج توغرىسىدا چاقىرىق ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ۋە ئۆمرە ئىشلىرى مىنىستىرى مۇھەممەد سالىھ بىن تاھىر «ئەلئىخبارىييە» قانىلىغا بايانات بېرىپ، «سەئۇدى ئەرەبىستان مۇسۇلمانلاردىن ھەج كېلىشىمىنى ئىمزالاش ئۈچۈن كوۋىد - 19 غە مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەر ئايدىڭلاشقۇچە كۈتۈشنى تەلەپ قىلىدۇ» دېدى.

«سەئۇدى ئەرەبىستان ئۆمرىگەكېلىپ، ۋەتىنىگە قايتىپ كېتەلمىگەن 1200 كىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلىدە سەھىيە مىنىستىرلىقى بىلەن ماسلاشقان ھالدا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقلىرى»نى بىلدۈرگەن مۇھەممەد سالىھ بىن تاھىر، مېھمانخانىلاردىكى كارانتىن قىلىنىۋاتقان ئۆمرە قىلغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋاللىرىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ۋە ئۆمرە ئىشلىرى مىنىستىرى، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۆمرە قىلغۇچىلارنىڭ قايسى دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر بەرمىدى.

ئۇ يەنە، ئۆمرە ۋىزىسىنى ئېلىپ بولۇپ ئۆمرىگە بارالمىغانلارنىڭ تۆلىگەن ھەقلىرىنى قايتۇرغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر