ئىراندا يېڭى تۇغۇلغان بىر بوۋاقتا ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالدى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) دىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلار سانى 37 مىڭدىن، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 786 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

1388434
ئىراندا يېڭى تۇغۇلغان بىر بوۋاقتا ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە بۈگۈندىن باشلاپ ھەر كۈنى سائەت 21:00 دىن 06:00 گىچە كوچىغا چىقىشنى چەكلەش قارار قىلىندى. بىر گېرمان ساياھەتچى ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە يۇقۇملانغانلار سانى 69 گە يەتتى.

2700 دىن ئارتۇق يۇقۇملانغۇچى قازا قىلغان ئىراندا، يۇقۇمنىڭ يەنە كەم دېگەندە 2 ئاي ئېغىر بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى مۆلچەرلەنمەكتە. پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى، ئىلىم- پەن، تېخنولوگىيە ۋە ئۇچۇر ئىقتىسادىي ئورگىنى باياناتچىسى كەرىم كەرىمى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتىدا، كورونانىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ كوۋىد – 19 يۇقۇمىنىڭ يۆنىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك بىر – بىرىدىن پەرقلىق 5 خىل سېنارىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دوكلاتنى ھەمبەھىرلىدى. بۇنىڭغا ئاساسەن، 6 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە 5 خىل ئەھۋالنىڭ ھەممىسىدە خەۋىپنىڭ يۇقىرى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن. پرېزىدېنت ھەسەن رۇھانى، كوۋىد -19  ۋىرۇسى سەۋەبىدىن دۆلەت مىقياسىدىكى چەكلىمىلەرنىڭ مۇددىتىنىڭ 8 - ئاپرېلغىچە ئۇزارتىلغانلىقىنى، قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان بىمارلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، مەشھەد شەھىرىدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتا كوۋىد - 19 ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەزەربەيجاندا كوۋىد – 19 يۇقۇمىغا قارشى كوچىغا چىقىش چەكلىمىسى ئېلان قىلىندى. ھازىرغىچە 4 ئادەم قازا قىلغان، 273 ئادەمدە ۋىرۇس بايقالغان ئەزەربەيجاندا، سەھىيە، ئۇل - ئەسلىھە، قاتناش ۋە ئارقا سەپ، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە بانكا قاتارلىق بىر تۈركۈم ساھە خىزمەتچىلىرى چەكلىمىنىڭ سىرتىدا قالدۇرلدى. مەتبۇئات خادىملىرىمۇ سىرتقا چىقىپ پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارالايدۇ.

10 نەپىرى غەززەدە بولۇپ ئىشغال ۋە مۇھاسىرە ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدا كوۋىد - 19 دىن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 116 گە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەززەنىڭ كوۋىد – 19 غا قارشى كۈرىشىدە، تۈركىيەنىڭ رايونغا سالغان تۈركىيە - پەلەستىن دوستلۇق دوختۇرخانىسى ئۈمىد بولىدۇ. تۈركىيە، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوئوردىناتسىيە ئاگېنىتلىقى – تىكانىڭ باياناتىغا قارىغاندا، مەزكۇر ئورگان تەرىپىدىن سېلىنغان پەلەستىننىڭ ئەڭ چوڭ سەھىيە مەركىزى غەززەدىكى پەلەستىن - تۈركىيە دوستلۇق دوختۇرخانىسىنى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، كوۋىد – 19 غا تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە پەلەستىن تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

ئىراقتا ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلار سانى 46 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 630 غا يەتتى. سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن 152 كىشى بالنىستتىن چىقتى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرىنىڭ بىرىدە يۇقۇم بايقىلىپ، كارانتىن قىلىنىشنى قارار قىلدى. ئىسرائىلىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئىسرائىكىيدە 18 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلغان، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 4831 گە يەتكەن.

يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى ئالجىرىيەدە 35، ماراكەشتە 33، ئىيوردانىيە 5 كە يەتتى؛ تۇنىستان قازا قىلغانلار سانى 10 غا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 362 گە يەتتى.

ئافغانىستاندا بىر كىشى ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلدى، جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى 174 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر