ۋۇخەن ۋىرۇسى شەرق ئەللىرىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋاد -19) جېنىغا زامىن بولغانلارنىڭ سانى 35 مىڭدىن ئاشتى ۋە  يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 750 مىڭدىن ھالىىپ كەتتى.

1388316
ۋۇخەن ۋىرۇسى شەرق ئەللىرىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە، كوۋىد -19 يۇقۇملىنىشىغا قارشى بۈگۈندىن ئېتىبارەن سائەت 21:00 دىن 06:00 گىچە  كوچىغا چىقىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇش قارا قىلىندى. شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە گېرمانىيەلىك بىر ساياھەتچى يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغان بولۇپ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 69 غا يەتتى.

ئىراندا يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس سەۋەبىدىن 2700 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى. يۇقۇمنىڭ كەم دېگەندە 2 ئايغىچە تېخىمۇ ئېغىر داۋاملىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ئىران پىرېزىدېنتلىقى ئىلىم - پەن، تېخنىكا ۋە ئىقتىسادى بىلىملەرنى تەرەققىي قىلدۈرۈش كومىتېتى باياناتچىسى پەرۋىز كەرىمى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش مەركىزىدە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ تارقىلىش جەريانى ھەققىدە 5 ئايرىم سىنارىيەنى ھەمبەھىرلەشتى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، 6 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە 5 خىل ئەھۋالنىڭ ھەممىسىدە يۇقۇش خەۋىپى يۇقىرى بولىدىكەن.

ئەزەربەيجاندا يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە، كوچىغا چىقىشنى چەكلەش ئېلان قىلىندى. ئەزەربەيجاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 4 ئادەم قازا قىلغان ۋە 273 كشى يۇقۇملانغان بولۇپ، سەھىيە، ئۇل ئەسلىھە ، قاتناش ۋە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە بانكاچىلىق قاتارلىق بەزى ساھەلەرنىڭ خىزمەتچىلىرى چەكلىمىنىڭ سىرتىدا تۇتۇلدى. مەتبۇئات خادىملىرىمۇ سىرتقا چىقىپ پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرالايدى.

غەززە رايونىدا 10 كىشى بولۇپ، ئىشغالىيەت ۋە قامال قىلىنىش ئاستىدىكى پەلەستىندە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 116 گە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەززەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرىشىدە تۈركىيە قۇرۇپ بەرگەن تۈركىيە - پەلەستىن دوستلۇق دوختۇرخانىسى خەلققە ئۈمىد بولماقتا. تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى (TİKA) نىڭ باياناتىدا، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى (TİKA)  تەرىپىدىن قۇرۇلغان پەلەستىننىڭ ئەڭ چوڭ سەھىيە مەركىزى غەززە- تۈركىيە - پەلەستىن دوستلۇق دوختۇرخانىسى دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقى بىلەن ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن پەلەستىن مەسئۇللىرىغا  ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

ئىراقتا يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 46 گە، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 630 غا يەتتى. 152 كىشى ساقىيىپ بالنېسىتتىن چىقتى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇ، مەسلىھەتچىلىرىنىڭ بىرىدە  ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقىلىشى سەۋەبىدىن كارانتىناغا كىرىش قارار ئالدى. سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، كوۋىد -19 سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيەدە 18 ئادەم قازا قىلىپ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 4 مىڭ 831 گە يەتكەن.

ئالجىرىيەدە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇستىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 35 كە ، ماراكەشتە 33 كە، ئىيوردانىيەدە 5 كە يەتتى.

تۇنىستا ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 10 غا، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 362 گە يەتتى.

بېرمادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن تۇنجى ئۆلۈم ۋەقەسى يۈز بەردى. ئافغانىستاندا يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 174  يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر