تالىبان ئۇنسۇرلىرى ئافغانىستاندا 20 ساقچىنى ئۆلتۈردى

ئافغانىستاننىڭ تاھار ۋە زابۇل ۋىلايەتلىرىدە تالىبان ئۇنسۇرلىرى قىلغان ھۇجۇمدا 20 ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى قازا قىلدى.

1387656
تالىبان ئۇنسۇرلىرى ئافغانىستاندا 20 ساقچىنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى تاھار ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى خەلىل ئەسىر مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ تاھارنىڭ خوجائىگار رايونىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

خەلىل ئەسىر ھۇجۇمدا 14 بىخەتەرلىكنى ساقلاش خادىمى بىلەن بىر پۇقرانىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 5 بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بايان قىلدى.

خەلىل ئەسىر ياردەمچى ئەسكەرلەرنىڭ رايونغا كېلىشى بىلەن تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ كەينىگە چېكىندۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ زابۇل ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئارگانداب رايونىدىكى ھەربىي پونكىتقا ھۇجۇم قىلغانلىقى ۋە ھۇجۇمدا 6 بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ قازا قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

تالىبان ھەر ئىككى ھۇجۇمغا ئالاقىدار ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر