بىنيامىن نېتانياھۇنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقى قايتا تەكشۈرىلىدۇ
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇ يەنە بىر قېتىم ۋۇخەن ۋىرۇسى ( يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (Kovid-19) سىنىقى قىلىنىدىغان بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باش مىنىستىر نېتانياھۇنىڭ مەسلىھەتچىسى رىۋكا پالۇچتا ۋىرۇس بايقالغانلىقى سەۋەبىدىن نېتانياھۇنىڭ يەنە بىر قېتىم سىناق قىلىنىشى قارار قىلىنغانلىقكى ئۇقتۇرغان.
سىناقنىڭ قاچان ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ۋە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرىنىڭ كارانتىناغا ئېلىنىدىغان ياكى ئېىلىنمايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.
ۋۇخەن ۋىرۇسى ( يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (Kovid-19) يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى سۈپىتىدە، 15 – مارتتا نېتانياھۇ ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىرى تەكشۈرۈلگەن ۋە نەتىجىسى پاسسىپ چىققان ئىدى.
نىتانىياھۇنىڭ پارلامېنت مەسلىھەتچىسى پالۇچنىڭ تۈنۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان كوۋىد -19 سىنىقى مۇسبەت بولۈپ چىققان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.